مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جۇڭگو ئەلنەغمە شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇردى

ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تەڭ ئۆستۈرۈش جەريانىدا سەنئەتنىڭ چىنلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خەلققە مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى چېنىقتۇرۇش كېرەك

2020.10.26 18:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 23-كۈنى جۇڭگو ئەلنەغمە شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئەلنەغمە سەنئىتىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىشى، راۋاجلاندۇرۇشىغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەر پېشقەدەملەر، ئوتتۇرا ياشلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەر بولۇپ تۆت ئەۋلاد ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار يازغان خەتتە جۇڭگو ئەلنەغمە شۆيۈەنىنى باشقۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر، ئەلنەغمە سەنئىتىنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىدىغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ، مەن بۇنىڭدىن بەك خۇرسەن بولدۇم، سىلەر ۋە پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلار تەكىتلىدى: ئەلنەغمە ___ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، ئەلنەغمە ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئادەمدە. مەن جۇڭگو ئەلنەغمە شۆيۈەنىنىڭ مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش قىلىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى چىڭىتىشقا يېتەكلەپ، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تەڭ ئۆستۈرۈش جەريانىدا سەنئەتنىڭ چىنلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خەلققە مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى چېنىقتۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو ئەلنەغمە شۆيۈەنىنىڭ تەكتى بولغان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئەلنەغمىنى ياخشىلاش ئىدارىسى ئەلنەغمە تەجرىبە مەكتىپى 1950-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن دۆلەت تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان تۇنجى ئەلنەغمە مائارىپ ئورگىنى ئىدى. يېقىندا، جۇڭگو ئەلنەغمە شۆيۈەنىدىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، شۆيۈەننىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، ئەلنەغمە ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆز ھەسسىسىنى قوشۇشتىكى ئورتاق ساداسىنى ئىپادىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ