مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش سىستېمىسىنىڭ روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەيلى

2020.11.02 18:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش − ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر تۈرلۈك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، ئامما، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇشنىڭ كاپالەتلىك قىلىش رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى بېقىش، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش، داۋالاش ياردىمى، مائارىپ ياردىمى، تۇرالغۇ ياردىمى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردىمى، ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇش قاتارلىق ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، ئىجتىمائىي كۈچلەر قاتنىشىشنى تولۇقلىما قىلغان ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، تۆۋەن چەكنى ساقلاش، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش سىستېمىسىنىڭ روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش − خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەللىشىشىگە پايدىلىق.

  خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك.» يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرغانلىقتىن، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئىشلىرى نۇقتىدىن دائىرىگە، كىچىكلىكتىن چوڭلۇققا قاراپ تېز تەرەققىي قىلدى. نامراتلىقنى تۈگىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا، ھامان بىر قىسىم ئامما جىسمانىي، ئىقتىدار ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نامراتلىشىپ، ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلالىشى تەس بولدى.

  ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇشتا خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇشنىڭ تۈپ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۆۋەن چېكىنى چىڭ تۇتۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش لازىم؛ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە رازىمەنلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش لازىم؛ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، بىرلا خىل تۇرمۇش ياردىمىدىن كۆپ خىللاشقان ئۇنىۋېرسال قۇتقۇزۇشقا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئويلاپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ غېمىنى يەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى، جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ