مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىركەتلەر دېھقانلارنى «شۈلۈۋېلىش»قا بولمايدۇ

دېھقانلارغا ياردەم بېرىش ھەمكارلىقىنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ھوشيار بولۇش لازىم

2020.11.03 18:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  جياڭسۇ ئۆلكىسى سىخۇڭ ناھىيەسى ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تاتلىق ياڭيۇ ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونى. شۇ جايدا يەر بىلەن پاي قوشۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، باشلامچى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى بىلەن شېرىكلەشكەن كەسىپ بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇپ، تاتلىق ياڭيۇنى ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىدا سېتىۋېلىش يولغا قويۇلغان ئىدى. لېكىن، نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ يىل تاتلىق ياڭيۇنىڭ بازار ئەھۋالى زور دەرىجىدە كاساتلىشىپ كەتكەن، باشلامچى كارخانىلار ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىدا سېتىۋېلىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغان؛ بۇلتۇر تاتلىق ياڭيۇنىڭ بازار باھاسى ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىدىن يۇقىرى بولغاندا، شۇ جايدىكى بازار كادىرلىرى توشۇشنى چەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن سىرتقا سېتىشنى توسقان. «شىركەت+دېھقان ئائىلىسى» ھەمكارلىقى ئەمدى شىركەتنىڭ دېھقان ئائىلىلىرىنى «شۈلۈۋېلىش»ىغا ئايلىنىپ قالدىمۇ؟

  يەرلىكنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسپى بىرلەشمە گەۋدىسىنى قۇرۇشى دېھقانلارنىڭ بازار خەۋپ-خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، دېھقانلارنىڭ مەھسۇلات ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، باشلامچى كارخانىلار (ياكى شىركەتلەر)نىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغان رولى شۇكى، دېھقانلارنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللاپ ۋە تۆۋەن باھادا كاپالەت بىلەن سېتىۋېلىپ، دېھقانلارغا پائال ياردەم بېرىش، نەپ يەتكۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆلەملەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش، ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىقلار ئارقىلىق، كارخانىلار تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ. كارخانىلار ئەسلىدە «تەڭ مەنپەئەتلىنىش»كە كۈچىشى، دېھقانلار بىلەن مەنپەئەت تالاشماسلىقى كېرەك ئىدى.

  بەزى بىرلەشمە گەۋدىلەرنىڭ «جېدەللىشىپ» قىلىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، كارخانىلار دېھقانلار بىلەن بولغان مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالماي، كەسىپ زەنجىرىنىڭ قوشۇلما قىممەت پايدىسىدىن مۇۋاپىق بەھرىمەن بولالمىغان، ھەتتا «غوجايىن بېيىغان بىلەن يۇرتداشلار بېيىماسلىق» ھادىسىسى كۆرۈلگەن. يۇقىرىقى مىسالنى ئېلىپ ئېيتساق، ئالاقىدار كارخانىلار بىلەن دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىمزالىغان تاتلىق ياڭيۇ تېرىش، سېتىش كېلىشىمىدە ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى ئېنىق پۈتۈشۈلگەن، يەنە بازار باھاسى يۇقىرى بولغاندا، سېتىۋېلىش باھاسىنى بازار باھاسىغا ئەگىشىپ ئۆستۈرۈشكە ۋەدە بەرگەن، بىراق ئىجرا قىلغاندا ھېساب قىلمىغان، ئۇلاردىكى توختام روھى نەگە كەتتى؟

  دېھقانلارنى تېخىمۇ غۇدۇراتقىنى شۇكى، ۋەقەگە چېتىشلىق شىركەت دائىم ئاق ھۆججەت بەرگەن. شىركەت تەرەپ: سېتىۋېلىش ئۈچۈن قوشۇلما قىممەت بېجى تالونى كېسىپ بېرىش كېرەك بولغانلىقتىن، پۇل ئۇرۇش ۋاقتىغا دەخلى يەتتى، دېگەن. دېھقانلار بىر يىل جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، ھوسۇلنى نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇشقا تەقەززا بولىدۇ. مالىيە تۈزۈمىگە رىئايە قىلىپ تالون كېسىشتە مەسىلە يوق، لېكىن دېھقانلارغا نەق پۇل بېرىشكە راستىنلا بىر نەچچە ئاي كېتەمدۇ؟ كېلىشىم بويىچە سېتىۋېلىشتا «ئۆزگىرىش» بولسا، سېتىۋالغاندىن كېيىن يەنە ئۇزاققىچە پۇل بەرمىسە، «دوستلۇق كېمىسى» ئۆرۈلمەي قالامدۇ؟

  بۇلتۇر شۇ جايدىكى بازار، كەنت كادىرلىرىنىڭ توشۇشنى چەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تاتلىق ياڭيۇنى سىرتقا سېتىشنى توسقانلىقىغا قارىتا، شۇ جايدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى: «يېزا ئىگىلىكىدىكى نۇرغۇن باشلامچى كارخانىلار دەل دېھقانلارنىڭ توختامغا رىئايە قىلمىغانلىقىدىن تاقىلىپ قالدى» دەپ قارىدى، «بىر جىڭى بىر پۇڭ قىممەت بولسىلا» تاتلىق ياڭيۇ ھايانكەشلىرىگە سېتىپ بېرىدۇ، دەپ دېھقانلاردىن ئاغرىندى، ئەمما كېلىشىمدىكى «بازار باھاسى يۇقىرى بولغاندا سېتىۋېلىش باھاسىنىمۇ ئۆستۈرۈش» دېگەن بەلگىلىمىلەر بىلەن كارى بولمىدى. بۇ خىل قاراشتا ئەسلىدىنلا خاتالىق مەۋجۇد بولۇپ، جياڭسۇ ئۆلكىلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن مەمۇرىي ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ رىقابەتنى يەكلەش، چەكلەش قىلمىشىغا تەۋە دەپ بېكىتىلىپ، تۈزىتىش تەلەپ قىلىندى.

  بۇ يىل تاتلىق ياڭيۇنىڭ باھاسى چۈشكەن ئەھۋالدا، كارخانىلار ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىدا سېتىۋالمىسا، باشقۇرغۇچىلار قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك. شۇ جايدىكى مەسئۇل كىشى چوڭ ئائىلە، كوپىراتىپ، سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىنى، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ نۇقتا بەلگىلەپ سېتىۋېلىنىدىغانلىقىنى، يەنە كىرا ھەققى باھا پەرقىگە تولۇقلىما بېرىش پىلانلانغانلىقىنى بىلدۈردى. مانا بۇ ئاكتىپ پوزىتسىيە بولىدۇ. «قانۇن، سىياسەت يول قويغان دائىرىدە تاتلىق ياڭيۇ تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشىغا پائال ياردەم بېرىلىدۇ»، بۇنىڭغا قارىتا، دېھقان قېرىنداشلار ۋە جەمئىيەتتىكىلەر ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە.

  ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن- يەتمىگەنلىكتە، يۇرتداشلارغا قاراش لازىم. يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى، كەسىپ بىرلەشمە گەۋدىسىنى راۋاجلاندۇرۇشتا دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ