مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

«13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى خۇلاسىلەش، باھالاش دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.10.23 17:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 22-ئۆكتەبىر يىغىن ئېچىپ، «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى خۇلاسىلەش، باھالاش دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «13-بەش يىل»دىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق زىددىيەتلىرىنى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك ھەل قىلىپ، سالماقلىق بىلەن تاشقى خىرىس كۆرۈنەرلىك ئېشىۋاتقان مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە قەتئىي، كەسكىن تاقابىل تۇرۇپ، بېكىتىلگەن نىشان، ۋەزىپىلەرگە قاراپ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئوڭۇشلۇق يولغا قويدى، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر ئومۇمىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە 165 چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈمى كۆرۈلدى، پىلاندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان-ۋەزىپىلەر غەلىبىلىك تاماملىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى تەرەققىيات ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى؛ ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ئىقتىسادىي قۇرۇلما سىجىل ياخشىلاندى، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سالمىقى مىسلىسىز زورايدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسى داۋاملىق كېڭىيىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؛ خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، «13-بەش يىل»لىق ئەمەلىيەت داۋامىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى يەنىمۇ نامايان بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سىياسىي پەزىلىتى ۋە كۈرەش روھى بىلەن كۈرەش قىلىش ئىقتىدارى تاۋلاندى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ روھىي قىياپىتى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئۈچۈن كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت ۋە قۇدرەتلىك جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچى بىلەن تەمىنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ