مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو قانداق قىلىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقالىدى؟

2020.11.02 17:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون نوپۇسنى قاپلاپ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش، خەلقنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد بەخت-سائادىتىنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشىنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى تۈگىتىش، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. جۇڭگو قانداق قىلىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلالىدى؟ قانداق قىلغاندا جۇڭگوچە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ بۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت تېمىسىدۇر.

  توغرا ئورۇن بەلگىلەش: ئىجتىمائىي كاپالەت − ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنىڭ ئاساسىي يولى ۋە تۈزۈم كاپالىتى قىلىندى

  تۈپ سەۋەب: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە، بۇ، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىپ ۋە ئومۇمىي خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ، ئىنسانىيەت ئىجتىمائىي كاپالەت تارىخىدا مۆجىزە يارىتالىشىدىكى تۈپ سەۋەبتۇر.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى − جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكىدۇر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۈپ مەقسىتى − جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى − جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش. تارىخنى ئەسلەيدىغان بولساق، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، گەرچە نامرات، ئاجىز بولساقمۇ، لېكىن بىز يەنىلا شارائىت يارىتىپ، شەھەر-بازارلاردا بىر قەدەر مۇكەممەل ئەمگەك سۇغۇرتىسى قاتارلىق بىر قاتار ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈملىرىنى ئورناتتۇق، يېزىلاردا دەسلەپكى ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلدۇق. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىدە تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە سىجىل تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە ماس كېلىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى تېز بەرپا قىلىندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرساقلا، جۇڭگوچە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى جەزمەن داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد بەخت-سائادىتى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ