شى جىنپىڭ 3-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملار مۇنبىرى (2020) دە سىنلىق سۆز قىلدى

2020.11.02 17:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملار مۇنبىرى (2020) 10-ئاينىڭ 30-كۈنى شاڭخەيدە ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنبەردە سىنلىق سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ھەرقايسى دۆلەت ئالىملىرى ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، داۋالاش، دورا ۋە ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق كۆپلىگەن مۇھىم ساھەلەردە پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە دۆلەت ھالقىغان ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دورىسى، ۋاكسىنىسى، تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ساھەسىدىكى تەتقىقات ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىنسانىيەت ساغلاملىقى قاتارلىق ئورتاق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش تولىمۇ زۆرۈر.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ؛ جۇڭگو تېخىمۇ ئېچىۋېتىشچان، سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئورتاق بەھرىلىنىدىغان خەلقئارا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىدۇ؛ پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملار، خەلقئارا پەن-تېخنىكا تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇھىم، زور ئىلىم-پەن مەسىلىلىرى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق خۇسۇسىيەتتىكى پەن-تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى زورايتىپ، نۇقتىلىق ئىستراتېگىيەلىك ئىلىم-پەن تۈرلىرى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  ھەرقايسى ئالىملارنىڭ پائال پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىلىم-پەن ئىشلىرىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ