مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ بولىۋىيەنىڭ سايلانغان زۇڭتۇڭى ئارسېلغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2020.10.27 18:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ئۆكتەبىر ئارسېلغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ كۆپ مىللەتلىك بولىۋىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بولىۋىيە ياخشى دوستلار ۋە ياخشى ھەمراھلاردۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-بولىۋىيە مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىي قىلدى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، بولۇپمۇ 2018-يىلى ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقى كۈنسېرى قويۇقلىشىپ، بۇنىڭدىن ئىككى تەرەپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى. مەن جۇڭگو-بولىۋىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن بولىۋىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە تولۇقلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن. سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، بولىۋىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا يېڭىچە ۋە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ