مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قەتئىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2020.10.23 18:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنىدا رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، دۇنيا قانداق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئېھتىياجلىق، كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؟ دېگەن مۇھىم مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، تۆت تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «دۇنيا يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بىز كۆپ تەرەپلىمىلىككە بولغان قەتئىي ۋەدىمىزنى قايتا تەكىتلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ب د ت بايرىقى ئاستىدا تېخىمۇ بۈيۈك ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرايلى!» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

  كۆپ تەرەپلىمىلىك ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر كېڭىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋەكىللىكىدىكى خەلقئارا تەشكىلاتلار كۆپ تەرەپلىمىلىك تۈزۈمنى يولغا قويۇپ، خەلقئارا ئىشلارنى باراۋەر كېڭىشىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئايرىم دۆلەتلەردىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ زومىگەرلىك قىلىشىغا قارىتا، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئادالەتنى ياقلىشى، ئەزا تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشى، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇھىتىنى قوغدىشىغا ئېھتىياجلىق. ھەرقايسى دۆلەتلەرمۇ ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك خەۋپسىزلىكنى ئورتاق قوغداپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، دۇنيانىڭ تەقدىرىنى ئورتاق ئىگىلىشى كېرەك.

  ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى ھارپىسىدا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى − ب د ت قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ دۇنيانى ئىدارە قىلىشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى ئۈمىدى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قەتئىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىكى تەنتەنىلىك ۋەدىسىدۇر. نۇرغۇن مۇھىم خەلقئارا مەسىلىلەر ساھەسىدىكى دۇنياۋى ھەمكارلىقتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ، كۆپ تەرەپلىلىمىلىك ھەرىكەت دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور رول ئوينايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ