مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تېخىمۇ كۆپ باشلامچى تىپىدىكى ئالىملارنى يېتىشتۈرۈش لازىم

2020.10.26 18:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىزنىڭ نۇرغۇن ئالىم، ئاكادېمىكلىرىمىز بار، دۇنيا دەرىجىلىك كۆلەمدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرىمىز ۋە ئىنژېنېرلار قوشۇنىمىز بار. يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، سەرخىللاشتۇرۇپ گۇرۇپپىلاشتۇرۇپ، تارقاق، تۆۋەن ئۈنۈملۈك، تەكرار ھالەتنى تۈگىتىش كېرەك. بىر تۈركۈم باشلامچى تىپىدىكى ئالىملار بار بولۇشى، پەن تەتقىقات بايلىقىنى ئۈنۈملۈك بىرىكتۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.»

  «باشلامچى تىپىدىكى ئالىملار»نىڭ مۇھىم رولى تەكىتلىنىشنىڭ سەۋەبى شۇكى، كەلگۈسىدە كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلىشىۋاتقان پەن-تېخنىكا رىقابىتى ئالدىدا، باشلامچى تىپىدىكى ئالىملارنى مۇھىم تەركىب قىلغان ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، دۇنياۋى رىقابەتتە يېڭىپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

  باشلامچى تىپىدىكى ئالىملار كۆپ ھاللاردا تېخىمۇ كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش ۋە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، دۇنيا پەن-تېخنىكا ئومۇمىي ۋەزىيىتى، پەن-تېخنىكا تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ، بىر قەدەر كۈچلۈك باشقۇرۇش ئىقتىدارى، تەشكىللەش ئىقتىدارى ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان، يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى ئىستراتېگىيەلىك ساھەنى ئىگىلەش، پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈش، ئەۋزەللىكنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلىيەلەيدۇ. گەۋدىلىك بولغان يېڭىلىق يارىتىش ۋە رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولغاچقا، باشلامچى تىپىدىكى ئالىملار يەنە يۇقىرى سەۋىيەلىك كوللېكتىپنى يېتىشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تېزدىن ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى زورايتالايدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ پەن تەتقىقات سەۋىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى تېز تەرەققىي قىلدى ۋە ئىلگىرىلىدى، لېكىن ئىپتىدائىي يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يەنىلا كەمچىل. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى بايلىقىنىڭ يېتىشمەسلىكى − بۇ خىل ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر سەۋەب، بولۇپمۇ يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر باشلامچى ئىختىساسلىقلار، يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىملار تېخى كۆپ ئەمەس. باشلامچى تىپىدىكى ئالىملار ئىلىم-پەننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەسىلىلىرىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ئىگىلىمىسە، مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقمىسا، كېيىنكى يېڭىلىق يارىتىشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. زامانىۋى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدا پەنلەرنى گىرەلەشتۈرۈپ بىرلەشتۈرۈش ۋەزىيىتى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە، مەيلى ئالىملار قوشۇنىنى تەشكىللەش بولسۇن ياكى پەن تەتقىقات باشقۇرۇش بولسۇن، ھەممىسىدە ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىك ۋە ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، بۇ باشلامچى تىپىدىكى ئالىملارغا ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ