مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىندى

دوكلاتتا ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كاپالىتى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى، دېيىلدى

2020.10.23 18:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش ۋە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، شىنجاڭ تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭدا ئاتالمىش «كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ھادىسىسى پۈتۈنلەي مەۋجۇت ئەمەس، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئەمگەك بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشىدا ئۆز ئىختىيارلىقى، ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ۋە ئەركىن بولۇشى روشەن ئىپادىلەندى. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ياردەم بېرىپ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە ئابرويلۇق ئەمگەك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ روشەن بەلگىسى، شۇنداقلا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمىدۇر.

  دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىستىخىيەلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىدا سۈپەت تۆۋەن، كىرىم تۆۋەن، مۇقىملىق تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت بولدى، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى ھۆكۈمەتنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئەمگەك قىلىشىغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قىزغىنلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يار-يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى پائال يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كېڭەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى قانۇن-نىزام سىستېمىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلىنىپ ۋە قاتتىق يولغا قويۇلۇپ، ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋە كاپالەت تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئەمگەك قىلىشقا تەشكىللەشتە باشتىن-ئاخىر ئىختىيار قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، ئالدى بىلەن ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى، جۈملىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش رايونى، ساھە ئىش تۈرى ۋە ئىش ئورنى، تەربىيەلىنىش ئېھتىياجى قاتارلىقلارنى توپلاپ، ئامما ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، ئىش ئورنىغا كېرەكلىك ماھارەتلەر بويىچە قايتا تەربىيەلەپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنىڭ ئۆز ئالدىغا بولۇش، ئۆزى خالاش ۋە ئەركىن بولۇشىغا تولۇق ھۆرمەت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ