مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى دەۋر − قەھرىمانلارنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان دەۋردۇر

2020.10.23 18:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسىمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىغا 70 يىل بولغان پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىچۈەن ئۆلكىلىك ئىنقىلابىي مېيىپ ھەربىيلەر ساناتورىيەسىدىكى بارلىق يولداشلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. باش شۇجى جاۋاب خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا، جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسىمى ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ۋە ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. پىدائىيلار قىسىمىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى ۋە قەھرىمان نەمۇنىچىلىرىنىڭ تۆھپىسىنى پارتىيە ۋە خەلق مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ.

  ئۈمىدلىك مىللەتتە قەھرىمان بولمىسا بولمايدۇ، ئىستىقباللىق دۆلەتتە ئاۋانگارت بولمىسا بولمايدۇ. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ ئۇرۇشى جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىدىكى ئۆچمەس ئابىدە بولۇپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى بارلىققا كەلتۈردى، شۇنداقلا تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىق ناخشىسىنى ياڭراتتى. ئۇلار ئىسسىق تۇپراققا قان تۆكۈپ، ياشاش ئۈمىدىنى كېيىنكىلەرگە قالدۇردى؛ ئۇلار مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى، دەۋرنىڭ جەڭ بايرىقىدۇر؛ ئۇلار تارىخ چاقىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى يېتەكلەپ، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىش-ئىزلىرىنى قالدۇردى، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا چاقناپ تۇرغان روھىي نۇرلار يىللارنى كېسىپ ئۆتۈپ، كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، بىزنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندى.

  ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان دەۋردە ھامان بىر خىل ئالغا ئىنتىلىدىغان ئىرادە كۈچى بولىدۇ؛ گۈللىنىۋاتقان مىللەتنىڭ ھامان بىر خىل داۋاملىشىدىغان روھىي تالانتى بولىدۇ. يېڭى دەۋر __ چوڭ تۆھپە ياراتقىلى بولىدىغان دەۋر، شۇنداقلا قەھرىمانلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان دەۋردۇر. مىللەتنى گۈللەندۈرىدىغان ھالقىلىق مەزگىلگە كەلگەنسېرى، بىز قەھرىمانلارنى شۇنچە ئۇلۇغلىشىمىز، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىشىمىز، قەھرىمانلارغا غەمخورلۇق قىلىشىمىز، قەھرىمان نەمۇنىچىلاردەك چىڭ تۇرۇشىمىز، قەھرىمان نەمۇنىچىلاردەك كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. بىز قەھرىمانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەھرىمانلىق روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز لازىم. پۈتكۈل جەمئىيەتتە قەھرىمانلارنى ئۇلۇغلايدىغان، قەھرىمان بولۇشقا تىرىشىدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرگەندىلا، ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوزغىغىلى، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ