مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم

2020.10.23 18:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەندە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: «ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش − كارخانىنىڭ جېنى، كارخانىنىڭ داۋاندىن ھالقىپ ئۆتۈپ، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنىڭ ئاساسى.» ھازىر ئىچكى-تاشقى مۇھىتتا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش − كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىنى ياخشىلاش، كارخانىنىڭ بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، شۇنداقلا يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم تەدبىردۇر.

  دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى، مۇھىتى، شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويغان، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەتتىكى يېڭى ئەۋزەللىكىنى قايتا بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاشتۇر. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىغا يېڭى تەلەپلەرنى قويدى.

  بىر تەرەپتىن، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش لازىم. بۇ، كارخانىلاردىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلىدۇ: ئەنئەنىۋى ئىستېمال ئېھتىياجى ۋە مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجى ۋە ئۇنىڭ غايەت زور ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى پائال قېزىپ، ئۈنۈملۈك قوزغىتىپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەھسۇلات، تېخنىكا، باشقۇرۇش ۋە بازار قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىناتنى يەنىمۇ بايقاپ، ئېچىپ ۋە جانلاندۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىستېمال ئېھتىياجى ۋە سېلىنما ئېھتىياجىنى ئومۇميۈزلۈك قوزغىتىش ۋە زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش لازىم.

  يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىشى لازىم. بۇ، كارخانىلاردىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلىدۇ: پائال يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىش، ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ھەرىكەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق خەلقئارا ئىقتىسادنىڭ چوڭ ئايلىنىشىغا قاتنىشىشنىڭ يېڭى يولى، يېڭى شەكلى، يېڭى ئۇسۇلى، يېڭى ۋاسىتىسى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، خەلقئارا ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش ئاساسىدا تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ