مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان يېڭى، تېخىمۇ چوڭ مۆجىزە يارىتايلى

2020.10.23 18:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  10-ئاينىڭ 14-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغان 40 يىلدىن بۇيان ئىشقا ئاشۇرۇلغان بەش چوڭ تارىخىي ھالقىشنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشىنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

  يېڭى دەۋر كۈرەش قىلغۇچىلار دەۋرى. بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  «بۆسۈپ ئۆتۈش» روھىنى مەڭگۈ ساقلىشىمىز كېرەك. 40 يىلدىن بۇيان، ئالاھىدە رايون قۇرغۇچىلىرى توسالغۇلارنى يېڭىپ، بۆسۈپ ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلىپ، ئالدىن سىناشقا جۈرئەت قىلىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ئارقىلىق ئىسلاھاتتا مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ، جۇڭگونىڭ بېكىنمە، يېرىم بېكىنمە ھالەتتىن ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىشتەك ئۇلۇغ تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى قاتمۇقات قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار ئالدىدا، بىز شۇ يىللاردا ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون ئاچقان چاغدىكى «بۆسۈپ ئۆتۈش» روھىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، خىرىسقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، پۇرسەتنى پائال ئىگىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى ۋە تۈزەش ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەتلەرنى يېتىشتۈرۈپ، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، تەرەققىيات يېڭى ماكانىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ