مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

2020.10.23 18:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىشلىرى − پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق ۋە تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى سىستېمىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنداش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

  بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمەت ئەمەلىيىتىدە، بىز شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چوقۇم چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ساھەسىدە يىلتىز تارتىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم؛ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز لازىم؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز لازىم؛ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ساھەسىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم؛ ئىلمىي ئىدىيە ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ماھىر بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق تەپەككۇر تۇرغۇزۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشىمىز لازىم؛ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ