مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«تۆت بىر» ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئوقۇپ چۈشىنەيلى

2020.10.26 18:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  مەركەزنىڭ 3-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى نۇقتىلىق شەرھلىدى. بۇ مۇھىم تەدبىرنى ئوقۇپ چۈشىنىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى «تۆت بىر»گە دىققەت قىلىش كېرەك.

  بىر باش نىشان: ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئەبەدىي ئەمىنلىك. ئالتە يىل ئىلگىرى ئېچىلغان مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى تۇنجى قېتىم ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى دەپ ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە «شىنجاڭنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق-مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا ئالاقىدار تەلەپلەر «شىنجاڭنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق-مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە قۇرۇش»قا كېڭەيتىلدى. «مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش»، «خەلقنى بېيىتىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش» تەلىپىنى كۆپەيتىش دەل شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىرى، كۆپ ھەرىكەت ئارقىلىق ئاساسنى مۇستەھكەملەش تەدبىرىنىڭ كونكرېت ئىپادىسىدۇر.

  بىر مەسىلە: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى. شىنجاڭنىڭ مەسىلىسىدە ئەڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلە يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسىدۇر. باش شۇجى: ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆزئارا ھۇزۇرلىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. بۇ يىل بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى شىنجاڭنىڭ كادىرلار تەربىيەسى، ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەربىيەسى، ئىجتىمائىي تەربىيەسىگە كىرگۈزۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبتە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك.

  بىر ئاچقۇچلۇق سۆز: تەرەققىيات. تەرەققىيات − شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى. بۇ يىلقى سۆھبەت يىغىنىدا باش شۇجى مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۈرتكە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئىچكى قۇرۇقلۇققا ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويلاپ ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى يۈكسەكلىك بەرپا قىلىش لازىم. باش شۇجى يەنە ئىككى مۇھىم ئىشنى نۇقتىلىق تىلغا ئالدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  بىر قوشۇن: يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى. سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك، بوران-چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش − شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم. باش شۇجى: پارتىيەگە سادىق، ھالقىلىق پەيتتە دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرەلەيدىغان، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى ۋە تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاپ ئۆستۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا ئۇ: ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ھوقۇقىنى باشتىن-ئاخىر سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلارنىڭ قولىدا چىڭ تۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

  يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى مۇكەممەل، توغرا ئىزچىللاشتۇرساقلا، گۈزەل شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولىدۇ!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ