مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۈرتكىسىدە تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېڭىلىنىپ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى

___ «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كۆزىتىش (2)

2020.10.26 18:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقانلىق دەل تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلىگەنلىك دەل كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىكتۇر. «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، «يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىش» تەك مۇھىم تاللاشنى قارار قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي ساپاسى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

  پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن، كارخانا ئاساسىي گەۋدە، بازار يېتەكچى قىلىنغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات بىرلەشتۈرۈلگەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقىچە، ئاندىن ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە سىياسىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىشقىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، يېڭىلىق يارىتىشنى چەكلەيدىغان ئىدىيەۋى توسالغۇ ۋە تۈزۈم چىتلىقىنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدىكى تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئىدىيەسىدىن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگىچە، ھەرىكەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكىچە بولغان مۇكەممەل زەنجىرنى شەكىللەندۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساسلىق يېتەكچى ۋە تىرەك قىلغان ئىقتىساد سىستېمىسى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەنمەكتە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بىر قاتار تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى.

  يېڭىلىق يارىتىش − تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر، يېڭىلىق يارىتىشنى چىڭ تۇتقاندىلا، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتقىلى بولىدۇ. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش − ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى مۇقەررەر تاللاشتۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ساھە مۇتەخەسسىسلىرى سۆھبەت يىغىنىدا: «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، چوقۇم يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ تۈرتكە بولىدىغان ئىچكى ئامىللىق ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك»، دەپ تەكىتلىدى. يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدىكى تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ھالقىلىق يادرولۇق تېخنىكىدا تېزدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىش − ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە، شۇنداقلا يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچىدۇر. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ غايەت زور ھەجىمى ۋە باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكى __ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەم ئالدىنقى قاتاردىكى يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىغا تايىنىش كېرەكلىكىنى، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭىلىق يارىتىشنى پۈتكۈل ئىقتىسادىي سىستېما، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا كېڭەيتىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ