مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ 2020-يىللىق پۇجياڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرىدە سۆز قىلدى

2020.10.23 17:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2020-يىللىق پۇجياڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى شاڭخەيدە ئېچىلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ۋە سېربىيە زۇڭلىسى برنابىچ ئايرىم-ئايرىم ھالدا سىنلىق سۆز قىلدى.

  لى كېچياڭ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى. بىز باشتىن-ئاخىر ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ، ئورتاق يېڭىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىمىز.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش-داۋالاش تەدبىرلىرىنى ئورتاق تەتقىق قىلىپ، يەر شارى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى قوشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىز ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردۇق. بىز ماكرو سىياسەتنىڭ سىجىللىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى ساقلاپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتىمىز. تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل پۈتۈن يىلدا مۇسبەت ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا ئۈمىد بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ