مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كەنتلەردىكى خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش مەركەزلىرىنى ياخشى قۇرۇش لازىم

خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىنى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتەيلى

2020.10.27 18:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەندە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە: «كەنتلەردىكى خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش مەركەزلىرىنى ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، مۇلازىمەت ئىشلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تولۇقلاپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىنى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.» دەپ تەكىتلىدى. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە مۇھىم نۇقتىسى ئاساسىي قاتلامدا. كەنتلەردىكى خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش مەركىزىنى ياخشى قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشتە، چوقۇم ئاممىنىڭ مۇۋاپىق ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ دەل جايىدا بولۇشى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  مۇلازىمەت مەزمۇنىنى توغرا تەمىنلەش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىش ۋە خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم نەتىجە قىلىپ، پۇقرالارغا قانچىلىك ياخشى ئىش ۋە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى سىياسىي نەتىجىنى سىناشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلغان.» كەنتلەردىكى خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش مەركەزلىرى ئامما بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىدۇ، ئۇ ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قايسى تەرەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا، بۇنىڭدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ غەم-ئەندىشىسى ۋە باش قېتىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ھېس قىلالىشى، ھەل قىلىشى كېرەك.

  مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئىنچىكە لايىھىلەش لازىم. كەنتلەردىكى خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش مەركەزلىرى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يۈزلىنىدىغان بولۇپ، تۈرلۈك كۈندىلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. پۇقرالار ئادەتتە قىلماقچى بولغان ئىشىنىڭ تېزراق بېجىرىلىشىنى، ئېرىشمەكچى بولغان مۇلازىمەتنىڭ قولايلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ، مۇلازىمەت تەرتىپىگە كۈچ سەرپ قىلىپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ئىشلارغا قارىتا مۇناسىپ مۇلازىمەت تەرتىپى ۋە ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، مۇلازىمەت كۆرسەتمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ماتېرىيال تىزىملىكى، بېجىرىش مۇددىتى، كېرەكلىك خىراجەت قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. كۆزنەك مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە توردا بېجىرىشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش كېرەك، «ئالاقە تورى + مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى»نى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىشلىرى تىزىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ھەتتا بىر قىسىم ئىشلاردا «بىر قېتىممۇ قاترىماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇپ، «سانلىق مەلۇماتلارنى كۆپ يول ماڭغۇزۇش، ئەمما ئاممىنى ئاز ماڭغۇزۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ