مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2020-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 701 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2020.11.02 17:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2020-يىلى 9-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 701 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 747 ئادەم بىر تەرەپ قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسىدىن 571 ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى؛ راھەتپەرەسلىك، ئىسراپخورلۇق مەسىلىسىدىن 130 ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى؛ 673 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي چارە كۆرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە نازارەت-ئىدارە دەرىجىلىك ئالتە كىشى، ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك 21 كىشى، يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك 646 كىشى بار.

  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەسىلىلەردىن قارىغاندا، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قىلىدىغاننى قالايمىقان قىلىش، قىلىدىغاننى يالغاندىن قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈش مەسىلىسى 539 پارچە بولۇپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسى ئومۇمىي سانىنىڭ %94.39 ىنى ئىگىلىگەن؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا داڭلىق ئالاھىدە مەھسۇلات ۋە سوۋغات، سوۋغات پۇلى ئېلىش-بېرىش،بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ياردەم پۇلى، تولۇقلىما ياكى پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ-ئىچىش مەسىلىسىدىن 101ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان راھەتپەرەسلىك، ئىسراپخورلۇق مەسىلىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %43.07، %25.38، %9.23 ىنى ئىگىلىگەن.

  نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى، مەركەزنىڭ 3-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى مۇكەممەل، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، نازارەت قىلىش ئاساسىي مەسئۇلىيىتى، بىرىنچى مەسئۇلىيىتىنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئادا قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى، مەركەزنىڭ 3-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، دىققەتنى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق چوڭ-چوڭ ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش، دەل جايىدا نازارەت قىلىش، ئەمەلىي نازارەت قىلىش كېرەك.

  راھەت-پاراغەتكە بېرىلىش، ئىسراپخورلۇق قاتارلىق ناچار ئىستىللار باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى توغرا سۈرەتلەپ، ماھىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر ۋاقىت ئالدىنى ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان، ئىستىلى دۇرۇس بولمىغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچلۈك بولمىغان، ھەتتا ساختىپەزلىك قىلغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ