مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپنى باھالاش قوماندانلىق تايىقىنى ياخشى تۇرغۇزۇش لازىم

2020.11.03 18:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  مائارىپنى باھالاش مائارىپنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قانداق باھالاش قوماندانلىق تايىقى بولسا، شۇنداق مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشى بولىدۇ. يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى دەۋردىكى مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى. يېڭى جۇڭگونىڭ مائارىپنى باھالاش سىستېمىسى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى تۇنجى ھۆججىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئومۇمىي لايىھەنىڭ يولغا قويۇلۇشى پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈزۈلمە-مىخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنى ئىلمىي بولغان مائارىپ تەرەققىيات قارىشى، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قارىشى، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەشتە زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى مائارىپ تەرەققىياتىدىكى زور مەسىلىلەر ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتى دەل بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ھالقا. مائارىپنى باھالاشتا «نېمىنى باھالاش» مەلۇم دەرىجىدە مۇئەللىمنىڭ «نېمىنى ئۆگىتىشى»، ئوقۇغۇچىلارنىڭ «نېمىنى ئۆگىنىشى»، جەمئىيەتنىڭ «نېمىنى ئىشلىتىشى»نى بەلگىلەيدۇ. مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتى ئومۇمىي لايىھەسىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەكتەپلەرنى باھالاشقا قارىتا، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئۈنۈمىنى تۈپ ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاشقا قارىتا، ئوقۇش-ئوقۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشنى ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاشنىڭ ئاساسىي تەلىپى قىلىش؛ ئوقۇغۇچىلارنى باھالاشقا قارىتا، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەكنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئادەم ئىشلىتىشنى باھالاشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەخلاق ۋە ئىقتىدارنى يېتەكچى، ئىش ئورنى ئېھتىياجىنى نىشان قىلغان ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىش مىخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ ياخشى مۇھىتىنى ئورتاق يارىتىش لازىم. كۆپ ئۆلچەملىك ئۇنىۋېرسال باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپنى باھالاشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، مائارىپنى باھالاشنىڭ قوماندانلىق تايىقىنى پۇختا تىكلىگىلى، ياخشى ئىشلەتكىلى، مائارىپنىڭ توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  مائارىپنى باھالاش قوماندانلىق تايىقى مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش − مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك تولۇق ئۇرغۇتۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك جايلار مائارىپ ئىدىيەسىنى يېڭىلاش، مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى. بەزى جايلار ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش سۈپىتى «يېشىل كۆرسەتكۈچى»نى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويدى، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يەككە نومۇر رەت تەرتىپىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدىغان بىر يۈرۈش باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى؛ بەزى جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تالانتىنى كۆپ خىل «ئۆلچەم» ئارقىلىق ئۆلچەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتقا ئىلھام بەردى؛ بەزى جايلار «مائارىپنى باھالاش بۇلۇت سۇپىسى»نى ئىشلىتىپ دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەھلىل قىلىپ، ئۇنى كۈندىلىك مائارىپ ئوقۇتۇشىنى ياخشىلاشنىڭ يېڭى تۇتقۇسى قىلدى... بۇ ئىسلاھات سىناقلىرى ئوقۇش-ئوقۇتۇشنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقى، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قايتۇرۇپ كېلىشكە زور ياردەم بېرىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، بىز چوقۇم ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، قىيىنچىلىقنى يېڭىش جاسارىتىمىز، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇشتەك غەيرىتىمىز بىلەن مائارىپنى باھالاش ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ