مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ 6-نۆۋەتلىك كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى پارلامېنت مۇنبىرىنىڭ سىن يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2020.10.28 18:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 10-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 6-نۆۋەتلىك كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى پارلامېنت مۇنبىرىنىڭ سىن يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق قاتتىق سىناق بولدى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق دۇچ كەلگەن قىيىن ۋەزىپە. رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقتىن ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، 1 مىليارد 400 مىليون خەلق ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، مەملىكەت بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ يىل ئالدىنقى توققۇز ئايدا، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %0.7 ئېشىپ، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان مۇسبەت ئېشىشنى تۇنجى بولۇپ ئىشقا ئاشۇرغان ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كۈچ قوشتى، ئىشەنچ بەردى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى كۈچلۈك قورال. جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغاندىكى پەيتتە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار جۇڭگونى قوللىدى ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىللە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەجرىبىلىرىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەمبەھرىلىنىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرگە يۇقۇم ئەھۋالى ئۇچۇرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ گېن تەرتىپى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە باشقا دۆلەتلەرنى ياردەم بىلەن تەمىنلىدى. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرسىلا، چوقۇم بۇ مەيدان يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ماكانىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا تۆھپە قوشالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ