مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى

2020.11.04 18:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش سىگنالىنى ياڭراتتى، ياخشى ۋەزىيەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن جۇڭگونىڭ ئىلگىرىلەش ئورنى، يۆنىلىشى ئېنىق بولدى ھەم «14-بەش يىل»لىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى بار بولدى، ھەم 2035-يىللىق كەلگۈسى نىشان بار بولدى. «13-بەش يىل»غا قايتا قاراپ، «14-بەش يىل»غا نەزەر سالساق، 2035-يىلىدىكى شانلىق نەتىجىلەر، ئۇلۇغۋار ئىستىقباللار كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، ئادەمگە كۈچ ئاتا قىلىدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى بارغانسېرى، ماڭغانسېرى كەڭ بولىدۇ.

  «13-بەش يىل»دىن «14-بەش يىل»غىچە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشقىچە تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ ئالدى-كەينى بىر-بىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تەرەققىيات نىشانى ئورگانىك جىپسىلىشىپ، بىر دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە داۋاملىشىشچانلىقىنى نامايان قىلدى. تېخىمۇ چوڭ ۋاقىت ھالقىشىدىن قارىغاندا، ئۇدا 14 بەش يىللىق يىرىك پىلان (پىلان) ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ قاينام-تاشقىنلىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئۇلىدى. تەرەققىياتقا مۇشۇنداق ئۇزاق مۇددەتلىك نەزەر، مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار ئەندىزە ئارقىلىق مۇئامىلە قىلىپ، ھەر بىر باسقۇچتىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ كۈرەش نىشانىنى مۇشۇنداق ئىلمىي تۈزۈپ چىقىدىغان ھەمدە مىليونلىغان خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدىغان جۇڭگوغا ئوخشاش دۆلەتلەر كۆپ ئەمەس. بۇ خىل ئۇزاق ۋاقىت ئىچىدە نامايان بولغان پىلانلاش ئىقتىدارى، يېتەكلەش ئىقتىدارى، تەرەققىيات ئىقتىدارى دەل جۇڭگونىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنىڭ جانلىق نامايەندىسى، شۇنداقلا جۇڭگو ناملىق پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئۇزاققىچە مۇقىم ئىلگىرىلىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  بەش يىللىق تەرەققىياتلار نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان جۇڭگو مۆجىزىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاجايىپ جۇڭگو كۈچىنى نامايان قىلدى. «13-بەش يىل»لىق پىلان ۋە «14-بەش يىل»لىق پىلاننىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، بىزنىڭ «14-بەش يىل»لىق پىلان مۇساپىسىنى ياخشى تاماملاش ئىقتىدارىمىز، ئىشەنچىمىز بار، چوقۇم ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى شانلىق نەتىجە يارىتىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ