مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزىلاردىكى ھۆددىگە ئېلىنغان يەرلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

دېھقانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداشنى چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، 2-نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى باشتىن-ئاخىر ھاياتىي كۈچكە تولدۇرۇش لازىم

لى كېچياڭ تەستىق سالدى

2020.11.03 18:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يېڭى دەۋردە يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزىلاردىكى ھۆددىگە ئېلىنغان يەرلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزىلاردا ھۆددىگە بېرىلگەن يەرلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ نەرسە ھوقۇقىنى قوغداش بېكىتىلىپ، دېھقانلار ئۇزاق ئۈنۈملۈك خاتىرجەم قىلىنىپ، يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇستەھكەملەندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. يېڭى دەۋردە يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، دېھقانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداشنى چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا يەرلىرىگە دېھقانلار كوللېكتىپ ئىگىدارلىق قىلىش تۈزۈمىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، ئائىلە ھۆددىگەرلىك، ئىگىلىك باشقۇرۇشنىڭ ئۇللۇق ئورنىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېزىلاردىكى ھۆددىگە ئېلىنغان يەرلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاش، گۇۋاھنامە تارقىتىش نەتىجىسىدىن پايدىلىنىپ، 2-نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىكىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ھەمدە ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، كوللېكتىپ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى، يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ئۈنۈملۈك رېئاللىشىش شەكلىنى بېيىتىپ، يېزا يەر بايلىقىنىڭ ياخشى تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىنى تەرەققىي تۇرغۇزۇپ ۋە زورايتىپ، كەڭ دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى باشتىن-ئاخىر ھاياتىي كۈچكە تولدۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىق سېلىپ مۇنداق دېدى: يېزىلاردىكى ھۆددىگە ئېلىنغان يەرلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاپ گۇۋاھنامە بېرىشنى قانات يايدۇرۇش − يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ياخشى پايدىلىنىپ، يېزىلاردىكى ھۆددىگە ئېلىنغان يەرلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئايرىش تۈزۈم سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. 2-نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىكىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىليونلىغان دېھقانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش كېرەك. ئائىلە ئىگىلىك باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنى تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ