مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات بىلەن تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى، يۇقىرى ئۈنۈمدە بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

2020.11.03 18:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «13-بەش يىل»دىن بۇيان، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زور بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى، «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئېلىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدۇ، ئىسلاھات يەنە بىر يېڭى ھالقىلىق پەيتنى كۈتۈۋالىدۇ. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئىسلاھات بىلەن تەرەققىياتنىڭ ئىچكى مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىگىلەپ، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپ، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ئېلىپ كەلگەن يېڭى زىددىيەت، يېڭى خىرىس، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باسقۇچلۇق يېڭى ئالاھىدىلىكى، يېڭى ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئورنىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىكلىكى، ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھاتنى تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۈمىدى، خەلقنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى بىلەن تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇپ، ئىسلاھات بىلەن تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى، يۇقىرى ئۈنۈمدە بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، «يېڭى دەۋردە دۆلەت ئىگىلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكىر»، «يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ھەرىكەت لايىھەسى»، «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى»، «كۈتۈنۈش، يەسلى مۇلازىمىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ بازاردىن چېكىنىش مېخانىزمىنى يولغا قويۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لايىھەسى»، «ئاكسىيە جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا يەنە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى مائارىپ ساھەسىدىكى ھەر تەرەپلىمە ئىسلاھاتنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ