خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
مەدەنىيەت − ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭگو كۈچلۈك بولۇش ئۈچۈن مەدەنىيەت چوقۇم كۈچلۈك بولۇشى كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى ئاخباراتىدا، 2035-يىلىغا بارغاندا مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىلىپ، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلىدىغانلىقى، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشىدىغانلىقى تۇنجى قېتىم ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان بۇ نىشان مىليونلىغان خەلقنىڭ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.
سىياسىي − ئۇستىخاندۇر، ئىقتىساد − قان-گۆشتۇر، مەدەنىيەت − روھتۇر، مەدەنىيەت بىلەن ئىقتىساد، سىياسىي ئۆزئارا ئارىلىشىپ، ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن. 18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، جۇڭگو ئارزۇسى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ، كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى، ئەدەبىيات-سەنئەت، ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىشلىرى گۈللىنىپ راۋاجلاندى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا مىسلىسىز ئەھمىيەت بېرىلدى...
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى يېڭى تارىخىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.
بۈگۈنكى جۇڭگو ئالغا ئىلگىرىلىگەن ھەربىر قەدەمدە تارىخ ياراتماقتا. ئاكتىپ، ساغلام مەدەنىيەت يۆنىلىشى، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان مەدەنىيەت ۋەزىيىتى − ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدۇر. ۋەزىيەتكە قاراپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى چوقۇم مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنىڭ چوڭقۇر مەنبەسى، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ رەڭدارلىقى، مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئىلگىرىلىشى بىلەن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە كۈچ-قۇدرەتكە تولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى