مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۈز ۋە قىش پەسلىدە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كېرەك؟

2020.11.04 18:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  تارقىلىشچان زۇكامنىڭ تارقىلىشى بەلگىلىك پەسىلچانلىققا ئىگە. ئېلىمىزنىڭ تارقىلىشچان زۇكامنى كۆزىتىشىدە كۆرسىتىلىشچە، ھەر يىلى قىش، ئەتىياز پەسلى تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىدىغان پەسىل ئىكەن، تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشى تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ياشىشىغا پايدىلىق بولۇپ، يەنە قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە تېمپېراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەن بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ ئۆي ئىچىدە پائالىيەت قىلىش ۋاقتى ئۇزىراپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇشى راۋان بولماي، ۋىرۇس تېخىمۇ ئاسان تارقىلىدىكەن.

  تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

  جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى جۇڭجيې مۇنداق دېدى: تارقىلىشچان زۇكام − ۋاكسىنا ئارقىلىق ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ھەر يىلى تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەش تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە. لېكىن تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەش بىردىنبىر ۋاسىتە ئەمەس، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇش، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، شەخسىي كۈندىلىك مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىق «ئىجتىمائىي ۋاكسىنا»لارمۇ ئوخشاشلا تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم. شەخسىي قوغدىنىش تەدبىرلىرى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: دائىم قول يۇيۇش؛ تارقىلىشچان زۇكام تارقالغان پەسىلدە، كىشىلەر توپلىشىدىغان سورۇنلارغا بېرىشتىن ساقلىنىش؛ تارقىلىشچان زۇكام ئالامىتى كۆرۈلگەندىن كېيىن يۆتەلگەن، چۈشكۈرگەندە قەغەز، لۆڭگە قاتارلىقلار بىلەن ئېغىز-بۇرنىنى توسۇۋېلىش، ئاندىن قول يۇيۇش لازىم؛ قولنىڭ كۆز، بۇرۇن ياكى ئېغىز بىلەن ئۇچرىشىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە تارقىلىشچان زۇكام بىمارى پەيدا بولغاندا، يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، بولۇپمۇ ئائىلىدە ياشانغانلار ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل بولغان بىمارلار بار بولسا، يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئاتا-ئانىلار تارقىلىشچان زۇكام ئالامىتى بار بالىلارنى دوختۇرخانىغا ئاپارغاندا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىمار ۋە ئۆزىنى قوغداش (مەسىلەن، ماسكا تاقاش)، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. مەكتەپ، يەسلى ئاپپاراتى قاتارلىق كوللېكتىپ ئورۇنلاردا تارقىلىشچان زۇكامغا ئوخشاش كېسەللەر كۆرۈلگەندە، بىمار ئۆيىدە ئارام ئېلىپ، كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتىشى كېرەك.

  تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرغاچقا، كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى تېز بولۇپ، ياشانغانلار ساناتورىيەسى، مەكتەپ، يەسلى ئاپپاراتى قاتارلىق كىشىلەر توپلاشقان سورۇنلاردا ئاسانلا يۇقۇم ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە بىمارلار تارقىلىشچان زۇكام بولۇپ قالغاندا ئۆيىدە ئارام ئېلىپ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش تەكلىپى بېرىلىدۇ. كۆپرەك ئارام ئېلىش، كۆپرەك سۇ ئىچىش، ماسكا تاقاش، كىشىلەر زىچ توپلاشقان سورۇنلارغا بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. يۇقىرى قىزىتما، قاتتىق يۆتىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك. بالىلار، ياشانغانلار، ھامىلىدار ئاياللار، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك بىمارلىرى قاتارلىق كىشىلەر تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئاسانلا ئېغىر كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل كىشىلەر دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى بالدۇرراق ئىشلىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ