مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۆپ تەرەپلىمىلىك يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرايلى

(شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش)

2020.11.05 18:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر قاتار يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باشتىن كەچۈرگەن پەۋقۇلئاددە مۇساپىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، كۆپ تەرەپلىمىلىككە بولغان قەتئىي ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلەپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ۋە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، باشتىن ئاخىر كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى بولۇش، كۆپ تەرەپلىمىلىك يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشتەك جۇڭگو تەشەببۇسىنى شەرھلىدى.

  بۈگۈنكى دەۋردە، ئىنسانىيەت تېخىمۇ ئېغىر دۇنياۋى تەھدىت ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرماقتا، بۇنداق ۋاقىتتا ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەيدىغان كۆپ تەرەپلىمىلىككە تېخىمۇ مۇھتاج. جۇڭگو ئىزچىل خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ تەشەببۇسچىسى ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىكنىڭ قوللىغۇچىسى ۋە ئەمەلىيەتچىسى بولۇپ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭ نۇرغۇن خەلقئارالىق سورۇنلاردا كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنىڭ ھازىرقى يەر شارى تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىدىكى زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى يولغا قويۇشنى جۇڭگونىڭ ھەل قىلىش چارىسى بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتى تۆھپىسىنى قوشتى.

  جۇڭگو كۆپ تەرەپلىمىلىكنى تەشەببۇس قىلىپلا قالماي، يەنە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىكنى يولغا قويۇپ، بۈگۈنكى دۇنيادىكى كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوللايدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، جۇڭگو ئاكتىپلىق بىلەن يۇقۇمغا قارشى خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قەتئىي قوللىدى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىق ھەرىكىتىنى ئاكتىپ ماسلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ئىزچىل يولغا قويدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوغداش ۋە يولغا قويۇش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  تارىخ چاقى توختاۋسىز ئىلگىرىلەيدۇ، ئۇنى ھېچكىممۇ توسۇپ قالالمايدۇ. دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر يەرشارى كەنتىدە بىللە ياشايدۇ. بۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر مەنپەئەتىنىڭ ئارىلىشىپ كېتىش تەقدىرىنىڭ ئورتاق ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇش __ دۇنيانىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىگە ماس كېلىدىغان توغرا تاللاشتۇر. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرىدۇ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا تەۋرەنمەي ماڭىدۇ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە يولغا قويىدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ