شى جىنپىڭ 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىدى

جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، دۇنيا بىلەن بازار پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، جۇڭگو بازىرىنى دۇنيانىڭ بازىرى، تەڭ بەھرىمەن بولۇش بازىرى، كۆپچىلىكنىڭ بازىرىغا ئايلاندۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش يېڭى تەدبىرلىرىنى جاكارلىدى

2020.11.05 19:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 4-نويابىر كەچتە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىن ئارقىلىق ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۇنيا ئىقتىسادىدىكى مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللارنى كۆپەيتىۋەتتى، ئەمما جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قەدىمى يەنىلا تېزلىشىۋاتىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولمىدى. ھەر قايسى دۆلەتلەر ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش، ھەمكارلىشىپ مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت ئورتاق ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى كېرەك. جۇڭگو ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئىتتىپاقلىشىش، تەڭ پايدا ئېلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، جۇڭگو بازىرىنى دۇنيانىڭ بازىرى، تەڭ بەھرىمەن بولۇش بازىرى، كۆپچىلىكنىڭ بازىرىغا ئايلاندۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئالاھىدە مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلدى. تۇيۇقسىز پەيدا بولغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئېغىر زەربە بەردى، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدى ئېلىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، بۇ دۇنياۋى سودا كاتتا مەرىكىسىنى ئۆتكۈزۈشى __ جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن بازار پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى سەمىمىي ئارزۇسىنى گەۋدىلەندۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: گەرچە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قەدىمى يەنىلا تېزلەشتى. مەن 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە جاكارلىغان سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ھەققىدىكى يۈرۈشلۈك تەدبىرلەر ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتى. جۇڭگو ئىمپورتنى داۋاملىق كېڭەيتتى. خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى، شېنجېننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ھەققىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى؛ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا كېلىشىمىنى ئىمزالاش، ئىمپورت سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى يېتىلدۈرۈش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەردە پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يۇقۇم دۇنيا ئىقتىسادىدىكى مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللارنى كۆپەيتىۋەتتى. تارىختىن قارىغاندا، مەيلى قانداق خېيىم-خەتەر، بالايى-ئاپەت، تەتۈر ئېقىمغا ئۇچراشتىن قەتئىينەزەر، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ھەمىشە ئالغا ئىلگىرىلەپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوقۇم داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولمىدى. بىز قول تۇتۇشۇپ خېيىم-خەتەر ۋە خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ھەمكارلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى بىرلىكتە كۈچەيتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تەڭ كېڭەيتىشىمىز؛ ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان ئورتاق ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، گۇمانلانماستىن ئىشىنىپ، مۇشت ئاتماستىن قول تۇتۇشۇپ، تىللاشماستىن كېڭىشىشىمىز كېرەك. ھەمكارلىشىپ مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدىغان ئورتاق ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشتا چوڭ دۆلەتلەر ئالدى بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىشى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئۈلگە بولۇشى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئاكتىپ ھەرىكەتكە كېلىشى لازىم. ھەمكارلىشىپ تەڭ ئىدارە قىلىدىغان ئورتاق ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، بىر تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىقنىڭ خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەلقئارا قائىدىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويماستىن، بەلكى ئىجابىي قىياپەت بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ