مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ خېبېيدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2020.11.05 19:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسى بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېقىندا خېبېيدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ھەر ئىككىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان ئاساسلىق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەندىلا، ئاندىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، ئاندىن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشقان دۆلەت قۇرالايمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە تەرەققىياتقا ئائىت مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش لازىم.

  خېبېي ئۆلكىسى فۇپىڭ ناھىيەسىنىڭ شانلىق ئىنقىلابى تارىخى بار بولۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن باش شۇجى شى جىنپىڭ خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەن تۇنجى نامرات ناھىيە. 3-نويابىردىن 4-نويابىرغىچە، ۋاڭ ياڭ فۇپىڭ ناھىيەسىگە كېلىپ، كۆچۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سانائەت باغچىلىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سېخى، كەنت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتى قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئامما ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كادىرلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەمدە سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ۋاڭ ياڭ خېبېينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى خىزمەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە نامرات رايونلاردىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى تولۇق نامايان قىلدى، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى ئۆز قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتتە قولغا كەلتۈرۈش − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدا تۇنجى قېتىم مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشقان دۆلەت قۇرۇشقا خىزمەت ئاساسى سالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ