مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بانكا كارتىسىنى باشقىلارغا بېرىپ پۇل تاپقىلى بولامدۇ؟

جىنايەتچىنىڭ شېرىكى بولۇپ قالماڭ

2020.11.05 18:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  [دېلو ئەھۋالى]

  يېقىندا، شىئەن شەھىرى ۋېيياڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى شەخسىي بانكا كارتىسىنى سېتىش ئارقىلىق تېلېگراف ئالدامچىلىقى شايكىسىغا ياردەم بېرىشكە چېتىشلىق بىر دېلوغا قاراپ چىقتى. بۇ دىلودىكى زېڭ فامىلىلىك ئىنتېرنېت ئارقىلىق «لاۋ لى» بىلەن تونۇشقان ھەمدە بانكا كارتىسى بېجىرىپ، باشقىلارنىڭ تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن تەمىنلەپ بېرىش ئارقىلىق پايدا ئالالايدىغانلىقىنى بىلگەن. زېڭ فامىلىلىك سەي فامىلىلىككە ئۆزىنىڭ بانكا كارتىسى ۋە ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان تېلېفون كارتىسى، تور بانكا مەخپىي نومۇر ئۈسكۈنىسى ياكى USB قالقىنى، ھېسابات ئىگىسىنىڭ كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى قاتارلىق «تۆت زۆرۈر بۇيۇم» لارنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. سەي فامىلىلىك ئارقا-ئارقىدىن خۇاڭ فامىلىلىك ۋە باشقىلاردىن 28 يۈرۈش «تۆت زۆرۈر بۇيۇم» سېتىۋېلىپ، ئاندىن زېڭ فامىلىلىككە سېتىپ بەرگەن. زېڭ فامىلىلىك سېتىۋالغان «تۆت زۆرۈر بۇيۇم» نى يەنە «لاۋ لى»غا سېتىپ بەرگەن.

  [سوتنىڭ پىكرى]

  سوتتا قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن، سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: زېڭ فامىلىلىك، سەي فامىلىلىك ۋە خۇاڭ فامىلىلىكتىن ئىبارەت ئۈچ جاۋابكار باشقىلارنىڭ ئۇچۇر تورىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى پۇل تۆلەش ۋە راسچوت قورالى قىلىدىغان بانكا كارتىسى بىلەن تەمىنلىگەن. خاراكتېرى ئېغىر بولۇپ، ئۇچۇر تورى جىنايى قىلمىشلىرىغا ياردەم بېرىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ؛ باشقىلارنىڭ بانكا كارتىسىدا تۇرۇپ قالغان پۇلنىڭ جىنايەتنىڭ كىرىمى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا يۆتكەپ بەرگەن، بۇنىڭدىن جىنايەت كىرىمىنى يوشۇرۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، زېڭ فامىلىلىك بىلەن سەي فامىلىلىك دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىناۋەتلىك كارتا ئۇچۇرلىرىنى سېتىۋالغان ۋە قانۇنسىز تەمىنلىگەن، بۇ ئىناۋەتلىك كارتا ئۇچۇرلىرىنى سېتىۋېلىش ياكى قانۇنسىز تەمىنلەش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ.

  سوتچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېلېگراف، توردا يېڭى قانۇنسىز جىنايى ئىشلار تاكتىكىسى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، تەشكىللىنىش ۋە كەسىپلىشىش يۈزلىنىشى كۆرۈلۈپ، نۇرغۇن يەر ئاستى قارا كەسىپ زەنجىرى بارلىققا كەلدى. ئەمەلىيەتتە، بىر قىسىم كىشىلەر قانۇنسىز پايدا ئېلىش ئۈچۈن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بانكا كارتىسى قاتارلىق «تۆت زۆرۈر بۇيۇم» بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىدىن قانۇنسىز جىنايەت شەكىللىنىدۇ. بەزى كىشىلەر ئازراق پايدا ئېلىش ئۈچۈن، بىلمىگەن ئەھۋالدا بانكا كارتىسى قاتارلىق «تۆت زۆرۈر بۇيۇم»نى سېتىپ ياكى ئارىيەتكە بېرىپ، ئوبيېكتىپ ھالدا جىنايەتچىلەرنىڭ «قورالى»غا ئايلىنىپ قالىدۇ. سوتچىلار شۇنداق ئەسكەرتىدۇكى، بانكا كارتىسى قاتارلىق «تۆت زۆرۈر بۇيۇم» تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، ئۇلارنى چوقۇم ياخشى ساقلاش لازىم، ئۇلارنى باشقىلارنىڭ پايدا ئېلىشى ئۈچۈن تەمىنلىمەسلىك كېرەك، بولمىسا قانۇنسىز جىنايەتكە چېتىلىپ قېلىشىڭىز ياكى جىنايەتچىلەرنىڭ شېرىكى بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ