مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە ھەرگىز جەڭنى توختاتمايمىز

2020.11.09 18:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  7-قېتىملىق دۆلەت نامراتلارنى يۆلەش كۈنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئاخىرقى باسقۇچقا كەلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر چوقۇم ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىيىتىنى ساقلىشى، ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ياخشى ئىشلەپ، ياخشى نەتىجە قازىنىشى، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە ھەرگىز جەڭنى توختاتماسلىقى كېرەك.»

  ئېغىر نامراتلىق قورغىنىنى بۆسۈپ ئۆتۈش لازىم. ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە غەلىبە قىلىشتا، چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ۋە بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، جاسارەت بىلەن زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، كەمتۈكلۈكلەرنى نىشان بويىچە تولۇقلاپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىش − ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ بىۋاسىتە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۇسۇلى. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بەزى رايونلاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشى قىيىن بولۇش ياكى يۇرتىغا قايتىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئاشتى. يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن، خېجوۋ شەھىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، مەخسۇس تەكلىپ قىلىش يىغىنى، «نۇقتىدىن نۇقتىغا» ماشىنا ھۆددىگە ئېلىپ ئىشلەمچىلەرنى توشۇش، نامراتلارنى يۆلەش ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنى تەسىس قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى تارقىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى.

  كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ تەدبىرى. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى قىلىش كېرەك.» كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش − نامرات رايونلارنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان بولۇپ، ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك پىلاندۇر. كەسىپ تەرەققىياتىغا تايىنىپ، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى قانات يايدۇرغاندىلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ «قان ئىشلەش» مېخانىزمىنى ئۈنۈملۈك شەكىللەندۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ