مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ بېيجىڭدا 7-قېتىملىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تىزىملاش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، چىن، توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش كېرەك

2020.11.05 18:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن 7-قېتىملىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭ 11-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تىزىملاش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 7-قېتىملىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش يېڭى دەۋردە قانات يايدۇرۇلغان بىر قېتىملىق مۇھىم، زور دۆلەت ئەھۋالى، دۆلەت كۈچىنى تەكشۈرۈش بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ قېتىملىق نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ نوپۇس سانى، قۇرۇلمىسى، تارقىلىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى ئېنىقلاپ، نوپۇس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى توغرا ئىستاتىستىكا ئۇچۇرى مەدىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  خەن جېڭ ئالدى بىلەن شىچېڭ رايونىنىڭ جىنرۇڭ كوچىسى فېڭرۇڭيۈەن مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىغا بېرىپ، كۆرگەزمە تاختىسى ۋە سىننى كۆرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئىستاتىستىكا تارمىقى ۋە مەھەللىدىكى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە مەسئۇل يولداشنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خادىملىرىنى يوقلىدى، ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پۈتۈم مەملىكەتتىكى 7 مىليوندىن ئارتۇق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خادىمىنىڭ زىممىسىگە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى يۈكلەنگەن، ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ تىزىملاپ، كۆپچىلىك ناھايىتى جاپا تارتتىڭلار، ئىشلىگەن نۇرغۇن جاپالىق، تەپسىلىي خىزمىتىڭلارنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش دائىملاشقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، 7-قېتىملىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەشكىللەپ ياخشى قانات يايدۇرۇش كەڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى سەرپ قىلىشقا موھتاج. كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ پۇختا ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تىزىملاشنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، چىن، توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاپ، پارتىيە ۋە خەلققە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ