مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا پۇرسەت يېتىشتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش لازىم

2020.11.06 18:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ 7-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. يېقىندا 11-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى شېنجېنغا كېلىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ئاپتورنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ئەگىشىپ ئىگىلىشىچە، شېنجېن شەھىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يولۇققان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ ئىجادچان، يېتەكچىلىك تىپىدىكى ئىسلاھاتنى پائال پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.

  يېڭىلىق يارىتىش − تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر، ئىسلاھات __ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تاللىشىدۇر. ھەر بىر مۇھىم تارىخىي پەيتتە، ھەمىشە ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش شېنجېنغا يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. مەسىلەن، 2012-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنىڭ سىرتقا كۆچۈشىگە ئەگىشىپ، شېنجېن ئىقتىسادى بىر ئىزدا توختاپ قېلىشقا باشلىدى. تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا تايىنىپ، شېنجېن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ھاياتلىق ساغلاملىقى، دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادى، ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى، ھەربىي سانائەت، ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇقچىلىقتىن ئىبارەت بەش كەسىپنى كەلگۈسىدىكى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان كەسىپلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتىن شەھەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكىچە، ئاندىن گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشقىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مۇھتاج. يېڭى قىيىن مەسىلە ئالدىدا، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پەقەت بۆسۈپ ئۆتۈشكە، سىناشقا جۈرئەت قىلغاندىلا، چىتلاقنى بۇزۇپ تاشلىغىلى بولىدۇ، پەقەت باتۇرلۇق بىلەن ئىجاد قىلغاندىلا، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.ئىسلاھات مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ توختاش بەلگىسى يوق. يېقىندا، «شېنجېندا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالدىن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە ھوقۇق بېرىلگەن ئىشلار تىزىملىكى» ئېلان قىلىندى. بۇ ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش چوقۇم تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئۇرغۇتۇپ، سانسىزلىغان تەرەققىيات پۇرسىتىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. شېنجېندا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، چوقۇم يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزە يارىتالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ