مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2020.11.05 18:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوشېڭ، ئۆلكە باشلىقى يى خۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا ئەنياڭ، جېڭجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئەنياڭنىڭ دۇڭلۇ كەنتىدىكى كۈزگى بۇغداي ئېتىزلىقىدا، لى كېچياڭ تۇپراقنىڭ نەملىكىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بۇ يىلقى ھوسۇل، كىرىمنى ئىگىلىدى. تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى زۇڭلىغا يەر ئوبوروتى ئارقىلىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاشلىق تېرىشتىنمۇ ياخشى كىرىمگە ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتتى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل دۆلىتىمىز ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئالدى، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە سورتنى ئەلالاشتۇرۇش، سورت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شارائىتى بار جايلار كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چوقۇم دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، پائال، مۇقىم ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. دېھقان ئائىلىسىنىڭ ھويلىسىدا، لى كېچياڭ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ، كېسەل كۆرسىتىش، كۈتۈنۈش، مەكتەپتە ئوقۇش ۋە يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشىنى تارقىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىدى. كۆپچىلىك بەس-بەستە ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانغا ئىش بارلىقى، نۇرغۇنلىرىنىڭ ئۆزئارا ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ئىشلەمچىلىك قىلىش جانلىق، كۆپ خىل بولۇپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلسىمۇ، ئۆز جايىدا ئىشلەمچىلىك قىلسىمۇ بولىدۇ، كۆپچىلىك تىرىشىپ ئىشلىسىلا، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدۇ.

  ئەنشىنيۈەن ئولتۇراق رايونىدا، لى كېچياڭ كاپالەتلىك ئۆيدە تۇرىدىغان ئائىلىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، تۇرالغۇ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە، سېلىش، ئىجارىگە بېرىش ئەندىزىسىنىڭ ھەممىسىدە ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا قاراپ پائال ئىزدەنسە بولىدۇ. ئۆينىڭ سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. لى كېچياڭ ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەردىن يەنە قانداق قىيىنچىلىقى ۋە پىكىر-تەكلىپى بارلىقىنى سورىدى، ئاممىنىڭ ھال-ئەھۋالىنى قەلبكە پۈكۈپ، ئامما ئىنكاس قىلغان بەزى مەسىلىلەرنىڭ قارىماققا كىچىك كۆرۈنگىنى بىلەن، لېكىن ئۇلارغا نىسبەتەن چوڭ ئىش بولۇشى مۇمكىنلىكى، پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئامال قىلىپ مۇۋاپىق ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشى كېرەكلىكىنى تاپىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ