مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم

2020.11.06 18:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  دۆلەت كارخانىلىرى دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىپ، خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان مۇھىم كۈچ. مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنىدا «دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى (2020-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ) قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەت قىبلىنامىسى بىلەن تەمىنلىدى.

  پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مۇتلەق سادىق بولغان دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى شىركىتى بەرپا قىلىش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش − ئېلىمىز دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ «يىلتىزى» ۋە «جېنى»دۇر.

  بىرىنچى، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ئالدى بىلەن سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سىياسىي ئېتىقادىنى چىڭىتىش، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرغۇزۇش، سىياسىي ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى شىركەت تەرەققىياتىنىڭ تۈپ مىزانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىركەتنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا مۇلازىمەت قىلىش، دۆلەت كاپىتالىنىڭ تىجارەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، «ئىككىنى ئىزچىللاشتۇرۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چوقۇم «ئىككىنى ئىزچىللاشتۇرۇش»تا چىڭ تۇرۇش كېرەك، يەنى پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش − مۇھىم سىياسىي پىرىنسىپ، ئۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش شەرت؛ زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى ئورنىتىش − دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ يۆنىلىشى، ئۇنىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش شەرت. «كاپىتال باشقۇرۇشتا پارتىيە قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش، ئادەم باشقۇرۇشتا پارتىيە قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش» ئۆزئارا بىرلىككە كەلگەن تۈزۈم-مېخانىزم ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ شىركەتنى ئىدارە قىلىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈشكە سىڭىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى، پارتىيە خىزمىتى كادىرلىرى بىلەن كەسپىي كادىرلارنىڭ ئالماشتۇرۇش، يۈرۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، ماسلىشىپ ئىشلەيدىغان، ئۈنۈملۈك تىزگىنلەيدىغان شىركەتنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە شىركەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ