مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېزا قائىدىسى، خەلق ئەھدىنامىسىنىڭ ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم

2020.11.09 18:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش» تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يېزا قائىدىسى، خەلق ئەھدىنامىسى − ئاساسىي قاتلام ئاممىسى ئاپتونومىيەسىنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ بىر خىل شەكلى بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشتا ئۆزگىچە رول ئوينايدۇ. يېزا قائىدىسى، خەلق ئەھدىنامىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ قاراتمىلىقى، مەشغۇلاتچانلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنىڭدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئاساسىي تەلىپىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈش، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش − دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يېزا قائىدىسى، خەلق ئەھدىنامىسىنىڭ ئىجابىي رولى ئاساسلىقى يېزا-كەنتلەردىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ھەرىكىتىنى چەكلەش، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك يېڭى كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. يېزا قائىدىسى، خەلق ئەھدىنامىسى ئارقىلىق يېزا-كەنتلەردە ئىجتىمائىي تەرتىپ، ياخشى ئادەت شەكىللەندۈرۈش ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئەقىل-پاراسىتىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى.

  جەمئىيەتنىڭ ئەنئەنىۋى يېزا قائىدىسى، خەلق ئەھدىنامىسىنىڭ شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى كونكرېت بولۇپ، يېزا-كەنت ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئاساسلىقى يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش بايلىقىنى تەقسىملەش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، بالىلارنى تەربىيەلەش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، كۈتۈنۈش، جەمئىيەت ئامانلىقى، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرى، تەربىيەلەش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ياشانغانلارغا ۋاپادار بولۇش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئىناق ئۆتۈش، ئەمگەكچان بولۇش، كەسىپنى قەدىرلەش، سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل بولۇش قاتارلىق روھلار بۈگۈنمۇ يەنىلا ئاكتىپ ئەھمىيەتكە ئىگە.

  سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇنىۋېرسال يېزا قائىدىسى، خەلق ئەھدىنامىسى يېزا-كەنتلەرنىڭ يېڭى ئىستىلىنى تۇرغۇزۇشقا پايدىلىق بولۇپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، ئەخلاقنى ئۇلۇغلاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىۋېرسال يېزا قائىدىسى، خەلق ئەھدىنامىسىدىن باشقا، يەنە ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئامانلىقنى قوغداش، ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش، يەرلىكنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق مەخسۇس كېلىشىملەر بار. جايلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالىغا ئاساسەن، يېزا-كەنتلەردىكى كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇنىۋېرسال تۈر بىلەن مەخسۇس ئەھدىنامە تۈرى بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا قائىدىسى، خەلق ئەھدىنامىسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ