مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تىزىملىكى چىقىرىلدى

2020.11.10 19:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن تەكرار جەدىۋەل تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى كەنتتە تۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ... يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، مائارىپ، ئوقۇتۇشقا يەنىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، يۈكنى يېنىكلىتىشكە دائىر 18 ئىشنى تەپسىلىي رەتكە تۇغۇزۇپ چىقتى.

  نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، باھالاش جەھەتتە، يۈننەن ئۆلكىسى ئېنىق قىلىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: مائارىپ تارماقلىرىدىن باشقا تارماقلارنىڭ ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئوبيېكت قىلغان نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، باھالاش ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا تەسىس قىلىشىغا بولمايدۇ؛ بىر خىزمەت يىلى ئىچىدە ئوخشاش بىر نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، باھالاش ئىشلىرىنى ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق قانات يايدۇرۇشقا بولمايدۇ؛ يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار پۈتۈن ئۆلكە مىقياسىدا تەشكىللەپ يولغا قويغان نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، باھالاش ئىشلىرىنى تۆۋەن دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ تەكرار قانات يايدۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  يۈننەن ئۆلكىسى يەنە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئاددىي ھالدا ئىز قالدۇرۇشنى خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى خىزمەت ۋە ئۆگىنىشكە مۇناسىۋەتسىز App نى قاچىلاشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ؛ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى كەنتتە تۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا، ئوقۇتقۇچىلارنى ئاجرىتىپ نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

  مەلۇمات جەدۋىلىنى تەكرار تولدۇرۇش – ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان خىزمەت يۈكىنىڭ بىرى. يۈننەن ئۆلكىسى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئوخشاش بىر مەزمۇندا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن جەدۋەلنى تەكرار تولدۇرۇش، كۆپ تەرەپكە يوللاشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ؛ مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن دائىملىق جەدۋەلنى قايتا-قايتا تولدۇرۇشنى ھەمدە تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ. ئوخشاش بىر تۈرلۈك خىزمەتتە، مەكتەپلەردىن كۆپ تەرەپكە مەلۇم قىلىشنى، خۇلاسە چىقىرىشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ، مەكتەپلەردىن خىزمەت خۇلاسىسىنى يوللاشنى تەلەپ قىلىش پىرىنسىپ جەھەتتە ھەر يىلى ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ (چوڭ-چوڭ مەخسۇس خىزمەتلەر بۇنىڭ سىرتىدا).

  ئۇنىڭدىن باشقا يۈننەن ئۆلكىسى يەنە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى خالىغانچە يۆتكەپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ. ھەقىقەتەن ئاجرىتىپ ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، مۆھلەتنى يېرىم يىلدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئوقۇتقۇچىلارنى كوچىغا چىقىپ چارلاشقا ياكى مەسئۇلىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز باشقا خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى نورمال ئوقۇتۇش مەزگىلىدە سىرتقا چىقىپ تەشۋىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ