مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى كۈچلۈك قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2020.11.09 18:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شېنجېن قاتارلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئەمەلىيىتى ئۇلۇغ مۆجىزىلەرنى يارىتىپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىممەتلىك تەجرىبە دەل «قانۇن ئىدارە قىلىشنى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم كاپالىتى قىلىش»تۇر.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالدىن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى ياخشى قۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ شەھەر ئۈلگىسى بەرپا قىلىشمۇ ئوخشاشلا قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكچىلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «شېنجېندا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالدىن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2020-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قوشۇمچە ھۆججەت شەكلىدە تۇنجى تۈركۈمدىكى ھوقۇق بېرىلگەن ئىشلار تىزىملىكىنى بېسىپ تارقاتتى. يولغا قويۇش لايىھەسىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە دەل بازارلاشتۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.

  كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئىسلاھات بىلەن قانۇن ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت قوش تۈرتكىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، قانۇن چىقىرىش بىلەن ئىسلاھاتنىڭ ئۆزئارا جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئادەمسىز مەشغۇلات قىلىش، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بىئو دورىگەرلىك قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردە قانۇن چىقىرىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئىقتىساد، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى قوللاشقا توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى قانۇن بويىچە قاتتىق يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش شەھىرىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، كارخانىلارغا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ئۈلگە شەھەر بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ تولۇق، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  بىر تال گۈل يالغۇز ئېچىلسا باھار ھېسابلانمايدۇ، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلسا، ئاندىن باھار كەلگەن بولىدۇ. 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ئالدىدا، بىز ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەزىيەتكە بېقىپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك. بۇ جەرياندا قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ كاپالەتلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى ئىلگىرى سۈرگەندە، چوقۇم تېخىمۇ پارلاق تەرەققىيات ھېكايىلىرىنى يېزىپ چىققىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ