مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ سىچۈەن-شىزاڭ تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

تۆمۈريول قۇرۇلۇشچىلىرى «ئىككى يول» روھى ۋە چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈريولى روھىنى جارى قىلدۇرۇش، قۇرۇلۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

لى كېچياڭ تەستىق سالدى

2020.11.09 17:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا سىچۈەن-شىزاڭ تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىچۈەن-شىزاڭ تۆمۈريولىنى ياساش __ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بىر مۇھىم تەدبىر بولۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چېگرانىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، غەربىي رايون، بولۇپمۇ سىچۈەن ئۆلكىسى بىلەن شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىچۈەن-شىزاڭ تۆمۈريولى بويىدىكى جايلارنىڭ يەر شەكلى، گېئولوگىيەسى ۋە ھاۋارايى شارائىتى مۇرەككەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز، تۆمۈريول ياساشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ، ئېلىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بۇ شەرەپلىك ھەم مۈشكۈل تارىخىي ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنلاش كېرەك. دۆلەتلىك تۆمۈريول گۇرۇھى سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە سىچۈەن ئۆلكىسى بىلەن شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇشى؛ تۆمۈريول قۇرۇلۇشچىلىرى «ئىككى يول» روھى ۋە چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈريولى روھىنى جارى قىلدۇرۇپ ئىلمىي، بىخەتەر، يېشىل قۇرۇلۇش قىلىپ، قۇرۇلۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىق سېلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىچۈەن-شىزاڭ تۆمۈريولىنى ياساش __ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئومۇملۇقنى نىشانلاپ، يىراققا نەزەر سېلىپ چىقارغان زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش. ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولۇشنى ئالدىغا قويۇش، ۋاقىت، سۈپەتكە بويسۇنۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن قۇرۇلۇش لايىھەسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، قۇرۇلۇشقا تەشكىللەشنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش ياخشى پىلانلاپ، سىچۈەن-شىزاڭ تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنى يېڭى باشلانما، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈپ، زاڭزۇلار رايونىدىكى ئاممىنىڭ بەخت-سائادىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، رايون تەڭكەش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ