مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۇلۇغ غەلىبىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرەيلى

2020.11.10 19:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ: «70 يىل ئىلگىرىكى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ ئۇرۇشىغا نەزەر سېلىپ، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، چەكسىز قەتئىي، چەكسىز ئىشەنچكە تولىمىز»، دەپ كۆرسەتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى مىللىي روھنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېڭى دەۋردە دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى − جۇڭگو خەلقى ئورنىدىن دەس تۇرغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىق خىتابنامىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە يۈزلىنىشىدىكى مۇھىم ئابىدە بولۇپ، جۇڭگو ۋە دۇنيا ئۈچۈن زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى − ھەققانىيەتنىڭ غەلىبىسى، تىنچلىقنىڭ غەلىبىسى، خەلقنىڭ غەلىبىسى بولۇپ، جۇڭگو خەلقى مەڭگۈ ئەستە ساقلاشقا ئەرزىيدىغان ئۆچمەس ئابىدىدۇر.

  ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى تاجاۋۇزچىلارنىڭ دۆلەت دەرۋازىسى ئالدىغا ئەسكەر توپلاپ، يېڭى جۇڭگونى بۆشۈكىدە بوغۇپ ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلىپ، دۆلەت زېمىنىمىزنىڭ ئامان-ئېسەن بولۇشى، دۆلەتنىڭ تىنچ-ئامان بولۇشىنى قولغا كەلتۈردى؛ يېڭى جۇڭگونىڭ ئاسىيا ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى مۇھىم ئورنىنى تىكلەپ، يېڭى جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى نامايان قىلدى؛ جۇڭگو خەلقى يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى خالىغانچە تالان-تاراج قىلىنىشتەك 100 يىللىق نومۇسنى ئۈزۈل-كېسىل سۈپۈرۈپ تاشلىدى، «شەرقىي ئاسىيانىڭ كېسەل كۆرپىسى» دېگەن قالپاقنى ئۈزۈل-كېسىل تاشلاپ، ھەقىقىي غورۇرىنى تىكلىدى؛ خەلق ئارمىيەسى ئۇرۇش داۋامىدا ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگىنىپ، ئۇرۇشقانسېرى باتۇرلىشىپ، ئۇرۇشقانسېرى كۈچىيىپ، مۇھىم ھەربىي تەجرىبىلەرنى ھاسىل قىلدى، يەككە ئارمىيە تۈرىدىن كۆپ خىل قىسىملار بىرىكمە ئارمىيەسىگە بۇرۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ زامانىۋىلىشىشى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاسىيا، ھەتتا دۇنيانىڭ ئىستىراتىگىيەلىك ۋەزىيىتى چوڭقۇر يارىتىلدى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئېزىلگۈچى مىللەتلەر ۋە خەلقنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ھەققانىي ئىشى ئىنتايىن زور ئىلھام ئېلىپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ