شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى كامبودژا پادىشاھى سىخامونى ۋە ۋالىدىخانى مونىلې بىلەن كۆرۈشتى

2020.11.09 17:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 11-ئاينىڭ 6- كۈنى خەلق سارىيىدا كامبودژا پادىشاھى سىخامونى ۋە ۋالىدىخان مونىلې بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز پادىشاھ ۋە ۋالىدىخان ئالىيلىرى بىلەن بولغان چوڭقۇر دوستلۇقنى يۈكسەك قەدىرلەيمىز، سىلەرنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پارتلاش خاراكتېرلىك يۈزبەرگەندىن كېيىن ھال سوراش خېتى ئەۋەتكەنلىكىڭلار ھەم ئوچۇق قوللۇق بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمىز. پادىشاھ ئالىيلىرى بايىلا شاھىنشاھ سىخانوك ۋە ۋالىدىخان مونىلېنىڭ 50 يىل بۇرۇنقى ئىزىنى بويلاپ يەنئەندە زىيارەتتە بولدى، بۇ ھەم دوستلۇق سەپىرىگە ۋارىسلىق قىلغانلىق، ھەم دوستلۇق سەپىرىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىك. ۋالىدىخان مونىلې جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىلىشىشى، ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئالاھىدە مۇھىم تۆھپە قوشتى. بۈگۈن مەن ۋالىدىخان ئالىيلىرىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى»نى بەردىم، بۇ ھەم ۋالىدىخان ئالىيلىرىنىڭ جۇڭگو-كامبودژا مۇناسىۋىتى ئۈچۈن ئالاھىدە مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى يۈكسەك تەرىپلىگەنلىك، ھەم جۇڭگو- كامبودژا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈندۇر. بىز داۋاملاشتۇرۇپ تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  سىخامونى مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى تەنتەنىلىك ئىززەت-ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ كامبودژا خەلقىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت، قويۇق دوستلۇقىنى بىزگە ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى. مەن بايىلا شەنشى يەنئەندە مەخسۇس زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، توختىماي ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە چىن قەلبىمدىن قايىل بولدۇم، شۇنداقلا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئورناتقان چوڭقۇر دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كامبودژا-جۇڭگو دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشنى خالايمەن. جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە يېڭى تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە چىن قەلبىمدىن تىلەكداشمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ