مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سودىگەرلەر «ناچار باھا»لارغا توغرا قارىشى لازىم

2020.11.11 17:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، خۇنەن چاڭشادىكى بىر خانىم توردا مال سېتىۋالغاندىن كېيىن سودىگەرگە ناچار باھا بەرگەن، ناچار باھانى ئۆچۈرۈۋېتىش تەلىپى رەت قىلىنغان سودىگەر زاكازدىكى ئادرېس ئارقىلىق ئىزدەپ كېلىپ، مال سېتىۋالغۇچى بىلەن جېدەللەشكەن. ئاخىرىدا دېلو بېجىرگۈچى خەلق ساقچىلىرى سودىگەرگە تەنقىد-تەربىيە بەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ناچار باھا بەرگەنلەر بىلەن جېدەللىشىش، ھەق بېرىپ ناچار باھانى ئۆچۈرگۈزۈش قاتارلىق ۋەقەلەر پات-پات يۈز بېرىپ، بەزى سودىگەرلەرنىڭ سەمىمىي تىجارەت قىلىش، ئادىل رىقابەتلىشىش جەھەتتە دەرس تولۇقلاشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

  بېرىلگەن باھالارغا قاراش − نۇرغۇن كىشىلەر توردىن مال سېتىۋالغاندا قىلىدىغان زۆرۈر باسقۇچ. بۇ، ياخشى باھاغا ئېرىشىشنى نۇرغۇن سودىگەرلەرنىڭ ئىنتىلىشىگە ئايلاندۇرغان بولۇپ، سودىگەرلەرنىڭ مۇلازىمەتنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەھسۇلاتنى ياخشىلىشىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالدى. ناچار باھالارنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىش مۇۋاپىق ئەمەس، ئەمما ھەمىشە «ناچار باھا قەتئىي يوق» بولۇشنى قوغلىشىش، ھەتتا ناچار باھانى ئازايتىشقا سەرپ قىلىشقا تېگىشلىك زېھنىنى ئىستېمالچىلارنى قورشاش، ناچار باھاغا ئارىلىشىشقا ئىشلىتىش – سەۋەب نەتىجىنى ئالماشتۇرۇپ قويۇشتۇر، ھەتتا ئىستېمالچىلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، تاۋارنى باھالاش − ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقى، ياخشى باھا ياكى ناچار باھا بېرىش − مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى، ئىقتىدارى، مۇلازىمىتىگە بېرىلگەن باھا بولۇشى مۇمكىن ۋە ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي قىزىقىشىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا «ناچار باھا قەتئىي بولماسلىق»نى قوغلىشىش مۇمكىن ئەمەس ھەم ھاجەتسىزدۇر.

  ئەمەلىيەتتە، ھەرقانداق تاۋارنى پۈتۈنلەي مۇكەممەل، ھەممە ئادەم ياخشى كۆرىدىغان قىلغىلى بولمايدۇ. تەجرىبىلىك توردا مال سېتىۋالغۇچىلار تاۋاردا ناچار باھا بار بولغانلىق سەۋەبىدىن تاۋارنى بىر بېلەت بىلەن ئىنكار قىلىشى ناتايىن، باھا ئوبيېكتىپ بولسىلا، باشقا خېرىدارلارنىڭ تاۋارنى تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشىنىشىگە، سودىگەرلەرنىڭ تاۋارنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ. ناچار باھانى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ دەپ قاراشمۇ كېرەكمۇ ياكى قارشىلىق كۈچ دەپ قاراش كېرەكمۇ، «بار بولسا تۈزىتىش، يوق بولسا ساقلىنىش» كېرەكمۇ ياكى ئىستېمالچىلارغا غەزەپلىنىش كېرەكمۇ؟ بۇ، سودىگەرلەرنىڭ تىجارەتتىكى ئەقىل-پاراسىتىنى سىنايدۇ. مەسىلىنى بايقىغاندىلا ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، گېپىنىڭ ئاساسى بار، قائىدىلىك ھەر بىر ناچار باھا بىر يوشۇرۇن ياخشىلاش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. توردا مال سېتىۋېلىشتىكى باھانىڭ ئارقىسىدىكى ئىستېمال تەلىپىگە توغرا قارىغاندىلا، سودىگەرلەر مۇلازىمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ