مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتىن ئىبارەت پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇش لازىم

2020.11.12 19:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىللىق كەلگۈسى نىشانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەكلىپ» دېيىلىدۇ) بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ھەرىكەت قىبلىنامىسى بىلەن تەمىنلىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش − ماركسىزمنىڭ تۈپ قارىشى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ دۇنيانى بىلىشى، دۇنيانى ئۆزگەرتىشىنىڭ تۈپ تەلىپى، پارتىيەمىزنىڭ ئاساسىي ئىدىيەۋى ئۇسۇلى، خىزمەت ئۇسۇلى، رەھبەرلىك ئۇسۇلىدۇر.» پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق ۋە تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ئالاقىدار تارماقلاردىن ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، بالدۇر تەتقىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەشنى كۈچەيتىش بىلەن ئەلدىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشىگە ئىلھام بېرىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى؛ بىر قاتار سۆھبەت يىغىنلىرىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تۈزۈش توغرىسىدىكى پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى يۈزتۇرانە ئاڭلاپ، كۆپ قېتىم يەرلىككە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  بۇ يىل 8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتى بويىچە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئېلىمىزنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش تارىخىدا تۇنجى قېتىم «توردا پىكىر ئېلىش» باشلاندى، كەڭ خەلق ئاممىسى بەس-بەستە قاتنىشىپ، 1 مىليوندىن ئارتۇق سۆز قالدۇردى، ئالاقىدار تەرەپلەر بۇنىڭدىن 1000 دىن ئارتۇق تەكلىپنى رەتلەپ چىقىپ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى پايدىلىق پايدىلىنىش بىلەن تەمىنلىدى. تەكلىپ لايىھەسىنى تەييارلاشتا جايلار، تارماقلار، ھەرقايسى تەرەپلەر ۋە ئاممىنىڭ ئۈمىدى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرى، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەجرىبىلىرى تولۇق قوبۇل قىلىنىپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، ئىشىكنى ئېچىپ مەسلىھەت سوراش، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشتەك مۇھىم ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلدى، بۇ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە ۋە سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، شۇنداقلا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئىدىيەۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىپادىسىدۇر. مۇشۇ ئاساستا شەكىللەنگەن «تەكلىپ» خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولۇپ، باشتىن ئاخىر ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇل سىڭدۈرۈلۈپ، كۈچلۈك ئىدىيەۋى كۈچ، ھەقىقەت كۈچى، ئەمەلىيەت كۈچىنى نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ