شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 20-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇھىم سۆز قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2020.11.11 17:09 مەنبە: خەلق تورى

  ■ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى «شاڭخەي روھى»نى نۇرلاندۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەۋپسىزلىك، مۇقىملىقنى قوغداپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى، خەۋپسىزلىك ئورتاق گەۋدىسى، تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى، ئادىمىيەت ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئىزدىنىشلەرنى قىلىشى كېرەك

  ■ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى خەلقئارا ئەندىزىنىڭ تەڭشىلىشىنى تېزلەتتى، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى. خەلقئارا جەمئىيەت كۆپ تەرەپچىللىك بىلەن بىر تەرەپچىللىك، ئېچىۋېتىش بىلەن بېكىنمىچىلىك، ھەمكارلىشىش بىلەن قارشىلىشىشنىڭ زور سىنىقىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. «دۇنياغا نېمە بولدى، بىز قانداق قىلىمىز» __ دەۋر سوئالىغا ئايلاندى، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى تېخىمۇ كۈچەيدى؛ تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، تەڭ ئۇتۇق قازىنىشنىڭ دەۋر ئېقىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. تارىخ __ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقنىڭ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈشتىن جەزمەن ھالقىپ ئۆتىدىغانلىقى، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىشنىڭ ئورنىنى جەزمەن ئالىدىغانلىقى، كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ بىر تەرەپچىللىك ئۈستىدىن جەزمەن غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى ھەم داۋاملىق ئىسپاتلايدۇ.

  ■ جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلماقتا. جۇڭگو ئۆزئارا پايدا ئېلىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى قىلچە تەۋرەنمەي يولغا قويىدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى پائال چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-نويابىر كەچتە بېيجىڭدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 20-قېتىملىق يىغىنىغا ۋىدېيو شەكلىدە قاتناشتى ھەم «شاڭخەي روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى «شاڭخەي روھى»نى نۇرلاندۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەۋپسىزلىك، مۇقىملىقنى قوغداپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى، خەۋپسىزلىك ئورتاق گەۋدىسى، تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى، ئادىمىيەت ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئىزدىنىشلەرنى قىلىشى كېرەك.

  بۇ قېتىمقى يىغىنغا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن رىياسەتچىلىك قىلدى، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايىۋ، قىرغىزىستاننىڭ مۇۋەققەت زۇڭتۇڭى جاپاروۋ، پاكىستان زۇڭلىسى ئىمرانخان، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيىۋ قاتارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى نوروۋ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جىيوسوۋ قاتارلىق دائىمىي ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەم ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى، ئىران زۇڭتۇڭى روھانى، موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى باتتۇلگا، بىلارۇسىيە زۇڭلىسى گولوۋچىنكو قاتارلىق كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررىس يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئادىللىق-ھەققانىيەت، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشتىن ئىبارەت يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن كېيىن، ھەر قايسى تەرەپلەر جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا ئاكتىپ كۈچ قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى خەلقئارا ئەندىزىنىڭ تەڭشىلىشىنى تېزلەتتى، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى. خەلقئارا جەمئىيەت كۆپ تەرەپچىللىك بىلەن بىر تەرەپچىللىك، ئېچىۋېتىش بىلەن بېكىنمىچىلىك، ھەمكارلىشىش بىلەن قارشىلىشىشنىڭ زور سىنىقىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. «دۇنياغا نېمە بولدى، بىز قانداق قىلىمىز» __ دەۋر سوئالىغا ئايلاندى، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى تېخىمۇ كۈچەيدى؛ تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، تەڭ ئۇتۇق قازىنىشنىڭ دەۋر ئېقىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. تارىخ __ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقنىڭ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈشتىن جەزمەن ھالقىپ ئۆتىدىغانلىقى، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىشنىڭ ئورنىنى جەزمەن ئالىدىغانلىقى، كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ بىر تەرەپچىللىك ئۈستىدىن جەزمەن غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى ھەم داۋاملىق ئىسپاتلايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ