مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى خەلقئارا پەن-تېخنىكا ۋە يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرى تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2020.11.11 17:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-نويابىر، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى خەلقئارا پەن-تېخنىكا ۋە يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىپ، دۇنياۋى تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەر ۋە خىرىسلارنى ھەل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنى يېڭى يول بىلەن تەمىنلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەن-تېخنىكا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشى كېرەك. نۆۋەتتە، دۇنيا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق تۈرلۈك خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان خەلقئارا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا پەن-تېخنىكا ۋە يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرى يىغىنى ئاچتى. بۇ، يەر شارى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم سۇپىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. يىغىننىڭ «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ