مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يولداش شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيەنىڭ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى ھەققىدە» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2020.11.10 19:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەتلەر تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن يولداش شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيەنىڭ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى ھەققىدە» ناملىق كىتابى يېقىندا مەركىزىي ھۆججەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  بۇ مەخسۇس توپلامغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى بايان قىلىنغان مۇھىم ماقالىسىدىن 52سى كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ماقالىلەر تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنى ئومۇملۇق خىزمىتى سۈپىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىر يۈرۈش زور ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، بىر يۈرۈش زور تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كەڭ دائىرىدە جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە ئاممىۋى پىكىرنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ ۋە زورايتىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى كەڭ دائىرىدە ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن ئىتتىپاقلىشىشى، بىرلىكىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.

  يولداش شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنى چۆرىدەپ ئوتتۇرىغا قويغان بىر يۈرۈش يېڭى ئىدىيە، يېڭى كۆز قاراش، يېڭى ھۆكۈملەر پارتىيەمىزنىڭ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى زور دەرىجىدە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيەنىڭ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى ھەققىدە» ناملىق كىتابىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى − كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنىڭ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى گەۋدىلەندۈرۈشتىكى بۇرچ-ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۈستىگە ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ، «ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ