خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، بىڭتۈەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى بىڭتۈەن تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ 1-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى لى مىڭچياڭ (بىڭتۈەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى) نىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، لى مىڭچياڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزاق مەزگىل ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇقلۇق غايە، ئېتىقادى يوقالغان، سىياسىي ئاڭ، ئىنتىزام ئېڭى سۇسلاشقان، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە باشلامچىلىق بىلەن خىلاپلىق قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»قا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشى تۇرۇپ، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى يۆتكىۋەتكەن، يوشۇرغان؛ ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىپ تۇرۇپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان، قانۇننى ئىجرا قىلىپ تۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان، خىزمەت ھوقۇقى ۋە ۋەزىپىسىنىڭ تەسىرىدىن ئۇزاق مۇددەت پايدىلىنىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، سوۋغات پۇل ئالغان، ئالاھىدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ سودا قىلىپ كارخانا قۇرۇشى، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىشى ئۈچۈن سالاملىشىپ قويۇپ مەنپەئەت ئالغان؛ نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش ۋە تەكشۈرۈش جەريانىدا دېلو ئارقىلىق ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ، ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ «جاسۇس» بولۇپ، ئالاقىدار دېلولارنى تەكشۈرۈشتە ئۈنۈمىنىڭ ناچار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ پارتىيەنىڭ خىزمىتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىگە ئېغىر ناچار تەسىر كۆرسىتىپ، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسى ۋە بىڭتۈەننىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغان، بىڭتۇەننىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلغان.
لى مىڭچياڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى يامان بولغان، ئۇنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. لى مىڭچياڭنىڭ تەكشۈرۈلگەن مەزگىلدە مەسىلىلەرنى ئەينەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغانلىقى، خاتالىقىنى تونۇش پوزىتسىيەسى سەمىمىي، خاتالىقىغا توۋا قىلىپ، خاتالىقنى تۈزىتىشى سەمىمىي بولغانلىقى، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، «ئۆتمۈشتىكىدىن ساۋاق ئېلىپ، كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇش» پىرىنسىپى بويىچە، ئۇنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى»، «مەمۇرىي ئورگانلاردىكى مەمۇرلارغا چارە كۆرۈش نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بىڭتۈەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش ئارقىلىق، لى مىڭچياڭغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش (1-دەرىجىلىك بۆلۈم خادىمى دەرىجىسىگە چۈشۈرۈش) جازاسى بېرىش، ئۇنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتىنى يىغىۋېلىش قارار قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ