مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

لى كېچياڭ دوكلات بەردى، ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.11.10 19:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەكلىپكە بىنائەن ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم دوكلات بەردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ ئېچىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  لى كېچياڭ دوكلاتتا مۇنداق دېدى: ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان بەش يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا سالماقلىق بىلەن كۈچلۈك تاقابىل تۇردى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا مۇھىم، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئېشىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلىرى قولغا كەلتۈرۈلدى. بولۇپمۇ بۇ يىل يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؛ «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتى پۇختا، ياخشى ئىشلىنىپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەت غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈپ، خەلقنى مۇقىم تۇرمۇشقا ئىگە قىلىپ، مۇقىم قىلغاندىلا يەنىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدىغانلىقى تەكىتلەندى؛ ۋاقتىدا، مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك ماكرولۇق تەڭشەش، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىدىغان كۆلەملىك سىياسەتتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە يولغا قويۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، مالىيە مەبلىغىنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق زور زەربە ئاستىدا مىليونلىغان بازار سۇبيېكتى قۇتقۇزۇپ قېلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئوڭ ئېشىشى ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەش بىلەن بىللە ھەر خىل قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تەييارلىقنى تولۇق، ياخشى قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلىش، ياخشى قەدەم ئېلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ