مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا چوقۇم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپ

2020.11.11 17:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىللىق كەلگۈسى نىشانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەكلىپ» دېيىلىدۇ) دە، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپ قىلىندى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش − «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ تۈپ كاپالىتىدۇر.

  جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئۇ تارىخ ۋە خەلقنىڭ تاللىشى بولۇپ، تولۇق تارىخىي ئاساسقا، نەزەرىيە ئاساسىغا، رېئال ئاساسقا ئىگە. يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن بەخت يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىدا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ غايەت زور غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىقتىسادىي ساھەنىلا كۆرسەتمەيدۇ، يەنە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ باشقا ساھەلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تېگىشلىك مەزمۇنى ۋە كەم بولسا بولمايدىغان ئورگانىك تەركىبىي قىسمىدۇر. چۈنكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى «قوماندانلىق ئىشتابى»نىڭ قۇرۇلۇشى بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى يۇقىرى سۈپەتلىك بولغاندىلا، ئاندىن «قوماندانلىق ئىشتابى» مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولىدۇ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى رەھبەرلىك قىلالايدۇ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ. شۇڭا، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا چوقۇم يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش، ئۇزاق مۇددەت قاتتىق بولۇشنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەت جەريانىدىكى شەكىلۋازلىقنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈزىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ