لى كېچياڭ جەنۇبىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
2020.11.11 17:12 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 10-نويابىر مۇنۇلارنى جاكارلىدى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى ۋىيېتنام زۇڭلىسى رۇەن چۈنفۇنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، سىن شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 23-قېتىملىق جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى (10+1) رەھبەرلىرى يىغىنى، 23-قېتىملىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە (10+3) رەھبەرلىرى يىغىنى، 15-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى (EAS)، 4-قېتىملىق رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋەت كېلىشىمى (RCEP) رەھبەرلىرى يىغىنى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش باشلىقلار يىغىنى (ABIS)غا قاتنىشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ